ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچكى ۋە تاشقى بازارلاردىكى ئەندىشىلەرنى تىنجىتىش مەخسىتىدە بىرقانچە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھازىرلىغان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش تەدبىرلىرى ئىچىدە، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەتلەر ئۈچۈن باجنى تۆۋەنلىتىش، ئېكىسپورت شىركەتلىرى ئۈچۈن تاشقى پىرىۋۇت ھەققى ۋە باجنى ئازايتىش، تۆمۈر ۋە پولات، تۆمۈر كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پولات، تۆمۈر سانائىتىنى جانلاندۇرۇش ۋە تەڭشەش قاتارلىقلارنى ياخشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.
ئىقتىسادشۇناس ۋىشنۇ ۋاراتخان ب ب س غا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بۇ تەدبىرلىرى، خىتايدىكى كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارغا ئۇزۇتۇلغان بىر تال زەيتۇن شېخىچىلىك بىر ئىش، بۇ، خىتاي ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ دېگەن.
0:00 / 0:00