دائىرىلەر خىتاي ئىشچى ياسىغان ئىسسىز كاۋاپداننى ئومۇملاشتۇرماقچى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى مەدەنىيەت تورىنىڭ 5-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يەن شىڭمىڭ ئىسىملىك بىرىنىڭ بۇس چىقمايدىغان قىلىپ ياسىغان كاۋاپدانىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرىدىكەن. ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىلا ئەنئەنىۋى كاۋاپدانلار 8 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»، «مەدەنىي ۋە پاكىز شەھەر قۇرۇش» پىلانلىرىغا كىرگۈزگەن بۇ ئىسسىز كاۋاپداننى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە تاماق مەدەنىيىتىدىكى كاۋاپچىلىققا ۋە كاۋاپچىلارغا قانداق تەسىرلەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

نەچچە مىڭ يىللىق ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدە ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ ئومۇملاشقان، ئەڭ تىپىك تائام ۋەكىلى كاۋاپ. ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن پىشۇرغان كاۋىپىنى يېمىگۈچە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندەك بولمايدىغانلىقىنى ساياھەت خاتىرىلىرىگە يازىدۇ. ھەر خىل كاۋاپلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر بىر تاماقخانىلىرىنىڭمۇ كەم بولسا بولمايدىغان يېمەك تۈرى. بازار، كوچىلارنىڭ، سەيلىگاھ، كەچلىك بازارلىرىنىڭ كۆركى يەنى كاۋاپچىلىق ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىدىكى ھەممىدىن بەكرەك ئومۇملاشقان بىر كەسىپ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق بىر شەھەر چوڭ-كىچىك ناھىيە يېزا بازارلىرىنى ئارىلىغاندا ئۇيغۇر كاۋاپچى ئۇستاملارنىڭ بىر قولىدا كاۋاپداندىكى ئوتنى يەلپۈپ، بىر قولىدا كاۋاپنى پەم بىلەن ئۆرۈپ تۇرۇپ «كاۋاپقا كەسىلە، يېڭى پاقلاننىڭ گۆشى، تېتىپ باققانغا پۇل ئالمايمەن...» دېگەندەك، قىزغىن خېرىدار چاقىرىشلىرى، مەززىلىك زىرە مۇچلار سېپىپ پىشۇرۇلغان مايلىرى ئېقىپ تۇرغان كاۋاپلارنىڭ بۇسى، قىزارغان ئوتۇن كۆمۈرىنىڭ تېۋىدا كاۋاپتىن چىقىپ تۇرغان «پىژ-پىژ» قىلغان ئاۋاز، كاۋاپداندىن كۆكۈش ئىس بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن مەززىلىك پۇراق، يولدىن ئۆتكەنلىكى كىشىنى بىر تېتىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ. ئۇيغۇر ئۇستاملارنىڭ پىشۇرغان كۆركەم مەززىلىك قۇۋۋەتلىك كاۋاپلىرى يىگەنلىكى ئادەمدە ئۇنتۇغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرسا كېرەك. بۇ خىل مەنزىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچرىتىش مۇمكىن.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى كاۋاپدانلاردىن كۆتۈرۈلگەن ئىس تۈتەك مۇھىت بۇلغىدى دەپ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسسىز كاۋاپداننى لايىھەلىگەن 48 ياشلىق يەن شىڭمىڭنىڭ كاۋاپدانلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. خەۋەردە يەننىڭ مۇنداق سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان: «ئادەتتىكى كاۋاپدانلاردا كۆمۈر ئوتى بىۋاسىتە كاۋاپقا تەگكەچكە، گۆشلەرنىڭ يېغى ئېرىپ ئوتقا چۈشۈپ بۇس پەيدا بولىدۇ. مەن ياسىغان كاۋاپداندا كاۋاپ ئوتخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رادىياتسىيە ئىسسىقلىقى ئارقىلىق پىشىدىغان بولغاچقا، ئاققان ياغ تامچىلىرى بىۋاسىتە كاۋاپداننىڭ ئاستىدىكى سۇ باكىغا يىغىلىپ بۇس چىقمايدۇ. خەۋەردە يەنە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئادەتتىكى كاۋاپدان 8000 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئادەتتىكى بىر كاۋاپداندىن كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ تۆت كىلوگرام ئەتراپىدا بۇس چىقىدىكەن. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئادەتتىكى 10 مىڭ كاۋاپداندىن كۈنىگە 40 توننا ئەتراپىدا بۇس چىقىپ، ئاتموسفېرانى بەلگىلىك دەرىجىدە بۇلغايدىكەن. يەن شىڭمىڭ ياسىغان ئىسسىز كاۋاپدان ئاتموسفېرانى بۇلغايدىغان بۇلغىمىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىشقا ياردىمى بار ئىكەن» دەپ كۆرسىتىلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئىسسىز كاۋاپداننى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شەھەرنىڭ «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى» ۋە 2015-يىللىق «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ۋە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش» تۈرىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، پاتېنتىنى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سېتىۋالغان بولۇپ، يەن شىڭمىڭ بۇ خىل كاۋاپداننى ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇ يىل ئىچىدە بۇ بۇس چىقارمايدىغان كاۋاپدانلار ئۈرۈمچىدە ۋە ئاپتونوم رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىدى.

كاۋاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ئوزۇق تۈرى بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك تىجارەت كەسىپلىرىنىڭ بىرى. ئۇنداقتا ئەنئەنىۋى ئادەتتىكى كاۋاپدانلاردا كاۋاپچىلىق قىلىپ كەلگەن ئۇستاملار كاۋاپدانلىرىنىڭ ئورنىغا بۇ يېڭى كاۋاپداننى سەپلەشكە رايى بارامدۇ؟ ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلەمدۇ؟ كاۋاپنىڭ تەمى سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ، تىجارىتىگە قانداق تەسىرلەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر قانچە داڭلىق ئۇيغۇر كاۋاپخانا ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ھازىرقى نازۇك ۋەزىيەتتە ئۇلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى، ياقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كەچلىك بازاردا 14 يىلدىن بۇيان كاۋاپچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كاۋاپچى ئۇستام بۇ يېڭى كاۋاپداندىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىس-تۈتەكسىز بۇ خىل كاۋاپداننى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، تېخى مەجبۇرلاش دەرىجىسىگە يەتمىگەن، بۇ خىتاي ئىشلىگەن يېڭى كاۋاپداننىڭ باھاسى 6 مىڭ سوم ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان كاۋاپچىلارغا نىسبەتەن قىممەت ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، سېتىۋالالايدىغانلار ئاز، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كاۋاپچى ئۇستام كەسپىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ چۈشىنىشىچە، ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولغاندەك نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە كاۋاپنىڭ تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىشىدە ئۇنى پىشۇرۇشتىكى ئەنئەنىۋىلىك تېخنىكا ۋە ئۇسۇلمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-كاۋاپنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تونۇر كاۋىپى، زىخ كاۋىپى، قازان كاۋىپى، تاۋا كاۋىپى، دۈمبە-جىگەر كاۋىپى قاتارلىقلار. كاۋاپلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىۋاتقىنى زىخ كاۋىپى، كاۋاپ گۆش ئۆتكۈزۈلگەن زىخنى چوغقا قاقلاشلا ئەمەس، ئۇنى مەززىلىك پىشۇرۇش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس، كاۋاپ دەيدىغان مەززىلىك غىزانى تەييارلاشتا سۈپەتلىك يەرلىك، يۇمشاق قوي گۆشى، دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەشتىن باشقا، كاۋاپ پىشۇرۇلىدىغان ئوت، ۋاقىت، سەۋرچانلىق ھەمدە تەجرىبە بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا. ئوتنىڭ تەپتى ئالاھىدە مۇھىم، توغراق ۋە ئۈجمە دېگەندەك قاتتىق ئوتۇنلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان چوغقا كۆمۈر چوغىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوتنىڭ تەپتىنى ياخشى پەملەپ پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا بۇنداق بولغاندا كاۋاپ تەكشى ھالدا تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق پىشىدۇ، ناھايىتى مەززىلىك بولىدۇ. يېڭى كاۋاپداندا بۇ تەمنى ۋە مەززىنى چىقىرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بۇ كاۋاپچى ئۇستام يەنە ئىلگىرى ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئىسسىز كاۋاپدانلارنى ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ ئاشخانا ۋە ئائىلىلەردە كەڭرى قوللىنىلىۋاتقان بىر پەيتتە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ كاۋاپ مەدەنىيىتىمىزنى بىلمەيدىغان بىر خىتاي تېخنىكىنى تاللاپ شۇنى سېتىۋېلىشقا بۇيرىۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھەقىقەتەن ئەگەر ئۈرۈمچى شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن پىلان بويىچە مەخسۇس شۇ خىتاي ئىشلىگەن كاۋاپداننى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇ كاۋاپچىلارغا زور زىيان، ئەمما كاۋاپدان ئىشلىگۈچىگە زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا كاۋاپچىلار خالىغان ماركىدىكى ئىس چىقارمايدىغان كاۋاپدانلارنى تاللاپ سېتىۋالسا بولمامدۇ؟ دائىرىلەر ئىس-تۈتەكسىز شەھەر قۇرۇش پىلانىدا كاۋاپچىلارنى نېمە ئۈچۈن بىر خىللا كاۋاپداننى سېتىۋېلىش بىلەن چەكلەيدۇ؟

بۇنىڭغا باشقا بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ئىس تۈتەكسىز كاۋاپدانلارنى بازارغا سالغان ئۇيغۇر كارخانىلاردىن ۋولقان تېخنىكا شىركىتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئالاقە باغلاش مۇمكىن بولمىدى.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، نوقۇل ھالدا ئىس-تۈتەكنى باھانە قىلىپلا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا كاۋاپ پىشۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۇيغۇر ئېلى تاماق مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىگە، ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان تىجارەت ۋە بىر كەسىپ تۈرىگە زور تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كاۋاپچى ئۇستام شەھەر ھاۋاسىنى بۇزۇشتا كاۋاپدانلارنىڭ زور تەسىر كۆرسىتىپ كېتىشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئەسلى شەھەرلەردىكى پار قازانلىرىنىڭ چىقىرىۋاتقان غايەت زور ئىس-تۈتەكلىرىنى تۈزەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.