كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش تەشۋىقاتىنى ئەيىبلىدى
2013.04.12

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ بېيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپەيتتى. بۇ خىل خەۋەرلەر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئىشلەمچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش تەشۋىقاتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ ۋەزىيەتنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ كەسكىن ۋە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
يېقىنقى خىتاي خەۋەرلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي دېھقانلىرىنىڭ تاپاۋەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى تەشۋىق قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەۋاتقان لى چياڭجياڭ ئىسىملىك خىتاي ئىشلەمچىنىڭ ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمىنىڭ 4000 سومدىن ئېشىپ، يىل ئاخىرىدا نەچچە ئون مىڭ سوم پۇل تېپىپ، بۇ پۇلى بىلەن يۇرتىدا كاتتا ئۆي سالغانلىقى خەۋەر قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۆۋەن كىرىملىك دېھقانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بارسا باي بولۇپ كېتىدىغانلىقى تەشۋىق قىلىندى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ خىل خەۋەرلەرگە قارىتا تور بېكەتلىرىدىمۇ مۇنازىرىلەر كۆپەيدى.
بىر قىسىم تورداشلار ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىكى ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەنلەرنىڭ باي بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلسا، يەنە بىر قىسم تورداشلار، خىتاي ھۆكۈمىتى «نامرات» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ رايوندىكى بايلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىتتا باي بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى. بۇ بايانلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرى نامرات ياشاۋاتقان، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ ئىشسىز يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان، جەنۇبىي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرى«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى»نامىدا ئەرزان مائاش ۋەدىسى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، خىتاي جۆلكىلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئىشلىشىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى تەنقىدلەندى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باي بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ۋە تور بېكەتلىرىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان رايونغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش سىياسىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ، رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ،رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە تىرىكچىلىك مۇھىتى بارغانچە تارايغان، مەدەنىيىتى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بىلەن سىرتتىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانچە كۈچىيىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا توقۇنۇش مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان زېمىنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن،خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلىقنى، ئىش ئىمكانلىرىنىڭ ئازلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىسە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىنى 19 ئۆلكىگە بۆلۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتتى. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭكىدىن كۆپ ناچارلىقىنى، بولۇپمۇ 19 ئۆلكە بۇ يەرگە كىرگەندىن بۇيان كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ جان تومۇرى بولغان يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نارازىلىق كەيپىيات ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا مەيلى قانداق دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈ تىنجىماس زېمىنغا ئايلىنىپ، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.