خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» كوزورى پايچەك بازىرىدا ئىشقا يارامدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.07.07
xitay-paychek-pay-chek.jpg خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرى ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ ئېكراننىڭ ئالدىدا تۇرغان خىتاي پۇقراسى. 2015-يىلى 7-ئىيۇل، فۇياڭ.
IMAGINECHINA

خىتاينىڭ پايچېكى بازىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۇدا ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئاپەت خاراكتېرلىك چۈشۈش، ئۇنىڭ ئىلگىرى بىر نەچچە ھەسسە ئاشقان بارلىق پايدىلىرىنى كۈلگە ئايلاندۇرغان.

خىتاي پايچەك بازىرىدا كۆرۈلگەن ئومۇمىي زىيان 3.7 تىرىليون دوللارغا يەتكەن. خىتاينىڭ پايچەكلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى جىددىي تەدبىرى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.خىتاي خەلق بانكىسى جۈمە كۈنى ھەر قايسى بانكىلارغا 250 مىليارد يۈەن قەرز مەبلىغى ئاغدۇرۇپ، بازار سىستېمىسىدىكى كۆچمە مەبلەغنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولدى. ئەمما بۇ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي پايچەك بازىرىدا يۈز بەرگەن بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك چۈشۈشنى، «خىتاي ئىقتىسادىدىكى كرىزىس بولۇپلا قالماي يەنە ئېغىر سىياسىي كرىزىس» دەپ قارىماقتا. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ شىددەتلىك داۋالغۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

خىتاي پايچەك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دىققەت دىققەت نۇقتىسى بولماقتا، ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پايچەك بازىرىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەش ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلارنى خىتاي ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان مەتبۇئاتلىرىدا توسۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئەمما 3 تىرىليوندىن ئارتۇق زىيان كۆرۈلگەن پايچەك بازىرىدىكى بۇ ئاپەتنى خىتاي پۇقرالىرىدىن، بولۇپمۇ 90 مىليوندىن ئارتۇق خۇسۇسىي پاي ئىگىلىرىدىن قانداقمۇ يوشۇرۇپ قالالىسۇن؟! خىتاينىڭ ھالاكەت دېڭىزىغا چۆكۈشى، دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان پايچەك بازىرىدىكى كاساتلىشىش ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي پايچېكى بازىرىنىڭ چېكىنىشى ھەر بىر ئاددىي شەخستىن-شىركەت، كارخانىلارغا قەدەر خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. ۋەزىيەتتىن جىددىيلەشكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە، پايچەك بازىرىدىكى بۇ «بالايىئاپەت» كە كىمنى مەسئۇل تۇتۇشنىڭ كويىدا يۈرگەنلىكىمۇ ئىپادىلەنمەكتە. خىتاي تور بەتلىرى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئاتالمىش «‹قارا قول› ئامېرىكا بولۇشى مۇمكىن» دەپ مۇنازىرە قىلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئويغىنىپ دىققىتىنى بۇراشقا ئۇرۇنماقتا. نەتىجىدە خىتايدىكى بىر بلوگچى: «بۇنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بارلىقى ئېنىق» دەپ يېزىپ، بۇنىڭ بىر سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن خىتاينىڭ پايچەك بازىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر خەلقنىڭ ئىنكاسىنى مەتبۇئاتلاردىن قامال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتى پايچىكلارنىڭ ئوي پىكىرلىرىنى ئىپادىلىشىنى توسماسلىقى كېرەك» دەپ بايانات ئېلان قىلدى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئىيۇل خىتاي ئىچىدىكى 3 مەتبۇئات ئورگىنىنى «پايچەك بازىرىغا ئائىت پىتنە-پاسات، قۇتراتقۇلۇق يالغان خەۋەر تارقاتتى» دەپ تاقاپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جىددىي تەدبىرى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە، خىتاي خەلق بانكىسىدىن ھەر قايسى بانكىلارغا 250 مىليارد يۈەن قەرز مەبلىغى ئاغدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ناھايىتى زور كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە پاي بازىرىدا نىسبەتەن قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاپەتنى قاپلاشتىن تېخى يىراقتا. بۈگۈن بازار ئېچىلغاندىن كېيىنمۇ چۈشۈش ئىچىدە تەۋرەندى.

خەلقئارادا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خىتاينىڭ پاي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پاي بازىرىدا ئىيۇل كىرىشى بىلەن يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسى 2008-يىلىدىكى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چۆكۈشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش دەپ قارالماقتا. شۇنداقلا پاي بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش ۋەقەسىدە، ھۆكۈمەتنىڭ پاي بازىرىنى كونترول قىلىۋېلىشتىن قول ئۈزمىگەنلىكى، پاي بازىرىنىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇشىنى توسۇۋالغانلىقى، بەزى شىركەتلەر ئۆزىنىڭ پايلىرىنى پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ساتقانلىقى قاتارلىق ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغان ۋاسىتىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. ئەمما غەربنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى بولسا، بۇ ئاساسەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىدىكى «ماغزاپ شارلار» تېشىلىپ كەتكەنلىكتىن بولغان دەپ قارىماقتا ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى زادى قانچىلىك جىددىي؟ خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كوزورى پايچەك بازىرىدا كارغا كېلەمدۇ؟ خىتاي پايچېكى بازىرىدىكى بۇ ئاپەت نەگىچە تۇتىشىدۇ؟ خىتاي پايچېكى بازىرىنىڭ چۈشۈشىدىكى سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىمىزگە، بۈگۈن ۋاشىنگتوندىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدۇق.

پەرھات ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى پايچەك بازىرىدىكى چۈشۈش بىلەن تەتۈر تاناسىپ دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ نورمالسىز ئۆسۈشنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى يەنى ماغزاپ شارچىنىڭ تېشىلىشى، ئېغىر بولغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەپ كېتىشىنى، ھەتتا پۈتۈن خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كرىزىس دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەرھات ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتايدىكى بۇ پايچەك بازىرىنىڭ چۈشۈشىدە خۇسۇسىي پاي ئىگىلىرى ئەڭ زور زەربىگە ئۇچرايدۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان پايچەك بازىرىدىكى ئاپەتنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى دەۋرىيلىك سىياسەت، خىتاينىڭ پايچەك بازىرىنىڭ قىممىتى 10 تىرىليون. بۇ قەدەر زور ھۆكۈمەتنىڭ كونترول قىلىش كۈچىگە خەلقنىڭ ئىشەنچ قىلىش-قىلالماسلىقى ئەمەلىيەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينالىشى مۇمكىن، چۈنكى خەلق ھۆكۈمەتكە ئىشەنسە، قولىدىكى پاينى ساقلاپ كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئىشەنمىسە زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن پاينى قولىدىن چىقىرىشقا باشلايدۇ، شۇڭا بۇ خىتاي پايچېكى بازىرى ئۆسمىسە ياكى داۋاملىق چۈشسە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئېتىبارىنىڭ كاساتلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى قىياس قىلىش تەس. خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتتا پاي بازىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە خەلقنىڭ ئىنكاسىغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈرلۈك ئىپادىلىشىدىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ زور ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

پەرھات ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ غايەت زور ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى يېرىلىشقا باشلىغان بۇ مەزگىلدە، ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى پايچېكى بازىرىدىكى بۇ كۆپۈكنىڭ بانكىلارغا تۇتىشىشى، ئەگەر ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ئۆي بازىرىغا ئارىلاشمىسا، ئېھتىمال غايەت زور بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىغان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنى كۆرۈلىدىكەن. دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر چوڭ مەسىلە بولسا، پۇل پاخاللىقى. ھازىرقى خىتاي پاي بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا چۈشۈش دەرىجىسى داۋاملىق كۆرۈلمەكتە. خەۋپ تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە يەنىلا زورايماقتا، زىياننىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشى، زىيان تاتقۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتىنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.