بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سودا ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە كۆپ كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق بولسا خىتاي پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بايلىقىغا ۋە ئۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى مۈجمەل مەيدانىنى قوللىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
بۇ ھەقتە پىكرى يۈرگۈزۈلگەن زاتلاردىن بىر ئەنگلىيەدىكى تەتقىقاتچى دوكتور ناسىردۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 2014-يىلى ئەنگلىيە دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق كىتابىدا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇرەككەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت رېئاللىقىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
ھالبۇكى، ياپونىيەدىكى مۇلاھىزىچى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ناسىر مەزكۇر كىتابىنىڭ توققۇزىنچى بابىدا مەخسۇس خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەمكارلىقلار توغرىسىدا توختىلىپ: «1980-يىلى باشلىنىپ 1988-يىلى ئاخىرلاشقان ئىراق-ئىران ئۇرۇشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي قوراللىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋالدى. بولۇپمۇ خىتاي ‹پىلە قۇرۇتى› ماركىلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان مۇداپىئە بومبىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى تەمىن ئەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران پاراخوتلىرىدىن كېلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ شۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق قورال تىجارىتىدە خىتاي ئىراقنىڭ ئۆزىگىلا 2 مىليارد 6 يۈز مىليون دوللارلىق ئادەتتىكى ھەربىي قوراللىرىنى سېتىپ ئوتتۇرا شەرقتە يەنى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە قورال سېتىشتا تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى خىتاينىڭ ھەربىي قورال ياراق سودىسىدىكى ئاساسلىق خېرىدارلىرى ئىراق، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۈچ دۆلەتتىن ئالغان سودىدىكى پايدىسى 3 مىليارد 9 يۈز مىليون دوللار بولدى.» دېيىلگەن
مەزكۇر بابتا 90-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي قورال سودىسىدىن كۆپلەپ ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشكەن خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ سودىغا يەنىمۇ قىزىقىپ كۆپلەپ قورال ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كەلگەن قوراللارنىڭ 50% خىتايدا ئىشلىگەن قوراللار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كىتابتا يەنە، 1992-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي پەقەتلا يىلىغا قورال سودىسىدىن 860 مىليون دوللار پايدا ئالغانلىقىنى 1999-يىلى ئىراننى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بارغان قورال سودىسىدا ئىسرائىلىيەگە يۈز مىليون دوللارلىق، لىۋىيەگە يۈز مىليون دوللارلىق، سەئۇدى ئەرەبىستانغا سەككىز يۈز مىليون دوللار شۇنداقلا ئىراققا ئىككى يۈز مىليون دوللارلىق قورال ساتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكتور ناسىر مەزكۇر بابتا يەنە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقىلا ئەمەس بەلكى بىرما، سىرىلانكا، پاكىستان ۋە شۇنداقلا ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگىمۇ قورال ساتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:«2000-يىلىدىن باشلاپ خىتاي پاكىستانغا ئۇرۇش ئايروپىلانى ساتتى.2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە خىتاينىڭ كونا ھەربىي ھەمشىرىكى پاكىستاننىڭ 64% ھەربىي قورال-يارىغى خىتايدىن كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تانكا قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.» دېگەن.
1999-يىللارغىچە خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ خېرىدارلىرىدىن بىر-بولغان ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان 2000-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ سۈپەتسىز قورال ياراقلىرىنى ئالمىغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن قورال ئىمپورت قىلغانلىقى مەزكۇر بابتا ئالغا سۈرۈلگەن.
ناسىرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتى كۆرۈنۈشتە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ ئەمما خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى، تانكىلىرىغا ئىشلىتىلىۋاتقان ماتورلارنىڭ ئاساسەن رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ماتورلار ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ رۇسىيە قوراللىرىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي قورال ياراق سودىسى پەقەتلا 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۇ جەھەتتە ئۆزئارا سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە دەلىل-ئىسپات بولمىسىمۇ ئەمما، 2007-يىلىغا كەلگەندە خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننى كىچىك تىپلىق تاپانچا بىلەن تەمىنلەشكە كېلىشكەنلىكى ھەققىدە بەزى بىر ئۇچۇرلار كۆرسىتىلگەن.
ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ناسىرنىڭ قارىشىچە سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشنى خالىغان بولسىمۇ ئەمما بەزى بىر رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە خىتاي ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالمىغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان خىتايدىن مىننەتدار بولمىغان.
بەزى بىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە يېقىنقى يىگىرمە يىلدا ھەربىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزىنى ئىزچىل قاچۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىتىگە ئەمەس ئەكسىچە نېفىت بايلىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بولىدىكەن.
ناسىرنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارالىق بەزى بىر سىياسىي مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن پىكىر ئورتاقلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن تا ھازىرغىچە بېيجىڭ بىلەن بولغان نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان بىر قانچە تۈرلۈك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.
خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغان دوكتور ناسىر مەزكۇر بابتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان بىخەتەرلىك كېلىشىملىرىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006-يىلى ئاپرېل ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوغدىنىش كومىتېتلىرىنى قۇرۇش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن. ۋە 2010-يىلى 11 ئۆكتەبىردە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش مەقسىتىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى كومىتېتلىرى كېلىشىم ھازىرلىغان. شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شاھزادە نايېف بىن ئابدۇل ئەزىز بىلەن توختام خېتىگە قول قويۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشكەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە قارارلاشقان.» دېيىلگەن.
خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئۈستىدە توختالغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ياگى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى دېگىنىمىزدە باشقىچە تىلغا ئالغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق. پەقەت خىتاي تەرەپ ئىزچىل ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىلگىرىدىن تا ھازىرغىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە تەيۋەن، تىبەت، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.