خوتەندىكى ئوت ئاپىتى توغرىسىدىكى ھەرخىل ئىنكاسلار
2013.04.15

4-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 8:20 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن شەھىرى شىمالىي بېكەت يېنىدىكى بىر ئائىلە سايمانلىرى بازىرىغا ئوت كەتكەن. ئوت قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەتراپتىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا تۇتۇشۇپ، بىنانى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىچە، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ سۇيىقەستى، خىتايلار ئۇيغۇر بايلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن قەستەن پەيدا قىلغان ۋەقە.
ئوت ئاپىتى 13-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 3:00 بىلەن تىزگىنلەنگەن. غەيرىي رەسمىي ئاخباراتلاردا بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 150 مىليون سومدىن ئارتۇق مۆلچەرلەنگەن. ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن.
بىز ئوت ئاپىتى تىزگىنلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىنلا نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. فېيىسبوك قاتارلىق ئىنتېرنېت ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ سۈرەتلەر دەرھال ئېلان قىلىندى. قول تېلېفونلىرى ئارقىلىق تارتىلىپ يوللانغان بۇ سۈرەتلەر ۋە نەق مەيداننىڭ ۋىدىئو كۆرۈنۈشى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان. ئەمما خىتاينىڭ نە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، نە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان.
بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان گەپ-سۆزلەر تارقالغان. نەق مەيداندا ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانچە مىليون سوم نەق پۇلى ۋە ئائىلە مۈلكى ئوت ئىچىدە قالغان.
بىر شاھىت بۇ توغرىسىدا مۇنداق ئىنكاس يازىدۇ: «بۇ، خوتەن شەھىرىدىكى چوڭ بايلار (جۈملىدىن قاشتېشى سودىگەرلىرى) مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئائىلىلىكلەر رايونى بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ نەچچە ئون مىليون، بەزىلىرىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ، نەچچە ئون مىڭ سوم قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە مال-مۈلكى بىر كېچىدىلا كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى...»
ئىنكاسلاردا بايان قىلىنىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خادىملىرى نەق مەيدانغا يېرىم سائەتتىن كېيىن يېتىپ كەلگەن. ئۇلار كېلىپلا ئوتنى ئۆچۈرمەستىن، بۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئەمگىكىنىڭ چىقىمىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى لازىملىقى مەسىلىسى بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگەن. نەتىجىدە، ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، 2007-يىلى بىنا قىلىنغان ئائىلىلىكلەر بىناسى كۈلگە ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى باشقا ئۆيلەرگە تۇتۇشۇشقا باشلىغان. د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى مەسئۇلىيەتسىز بىر ھۆكۈمەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغاۋاتقان مۇنداق بىر نەچچە مەسىلە دىققەتنى چېكىدۇ. بىرى، بۇ قېتىمقى زور ئوت ئاپىتىگە خوتەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتناشقاندىن سىرت، قاراقاش ۋە لوپ ناھىيىسىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىمۇ قاتناشقان. ئۈچ ناھىيىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىرلىشىپ 30 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىدا 10 سائەت كۈرەش قىلىپ بۇ قېتىمقى ئاپەتنى ئاران تىزگىنلىگەن. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى، بۇ ناھىيىلەرنىڭ خىتايدىكى ھېچقانداق بىر رايوندا ئىشلىتىلمەيدىغان ئەڭ ناچار ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى بولغان. ئىككىنچىسى، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن مۈرىنى -مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان. ئەمما 200 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىلىرى ۋە قوراللىق قىسىملىرى يېتىپ كېلىپ، ئەتراپنى مۇھاسىرىگە ئالغان ۋە خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئوت كۆيۈۋاتقان يەرگە يېقىن يولاتمىغان. ئۆيدىكى نەق پۇللىرىنى ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى تۇتۇپ كەتكەن. ساقچىلار بۇ ھەرىكەتنى «خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەندە، بىنا ئاللىبۇرۇن كۆيۈپ كۈل بولغان.
ئەھۋالنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرگەن شاھىتلاردىن بىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇنداق چۈشەنچىلەرنى ئېلان قىلدى: «2003-يىلى قىشتا خوتەن شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلە جابدۇقلىرى شەھەرچىسى بولغان ‹ئانا يۇرت› ئائىلە جاھازلىرى شەھەرچىسىگە ئوت كەتكەندىن بۇيان، خوتەن شەھەر رايونىدا نۇرغۇن قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. 2004-يىلى يەنە سەككىز قەۋەتلىك بىر بىنادا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئاشۇ قېتىملىق قاباھەتلىك ئوت ئاپىتى خوتەن خەلقىنىڭ ئېسىدىن تېخىچە كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.
ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خوتەن شەھىرىدىكى يەنە بىر چوڭ ئائىلە جاھازلىرى شەھەرچىسىگە ئوت كەتتى. ئوت كەتكەن ئورۇن __ خوتەن شەھىرى چوڭ بازار ئائىلە جاھازلىرى شەھەرچىسى بىلەن ‹چوڭ بازار گۈللۈك ئولتۇراق رايونى› شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان ‹شەرق شامىلى› ئۆستىڭىنىڭ گۈللۈك كۆۋرۈك يېنىدا بولۇپ، يېڭى لوپ بېكەت (شەرقىي بېكەت) كە ئاران 200 مېتىرلا كېلىدۇ. ئوت كەتكەن جايدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر دۇكاندا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېخى 3-4 كۈن ئىلگىرىلا مۇشۇنداق چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. 3-4 كۈندىن كېيىنلا يەنە شۇ ئۆستەڭنىڭ 350-400 مېتىر شىمالىدىكى ئورۇندا ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ، جۈملىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە چوڭ يوچۇقنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
مەزكۇر ئىنكاسنى يازغان كىشى خوتەندە نېمە ئۈچۈن ئوت ئاپىتىنىڭ توختىماي يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:
«بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب: بىرىنچىدىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشى يېتەرسىز. ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى يېتەرسىز، قىسمەن رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە، ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش سالمىقى يېتەرسىز. بەزى رەھبەرلەر بۇ خىزمەتنى ئېغىزدىلا تۇتۇپ، ئەمەلىيەتتە چىڭ تۇتمايدۇ. باشتا چىڭ تۇتۇپ، ئاخىرىدا بوشاپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. تۆتىنچىدىن، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس. بەزى ئورۇنلار‹ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپىسى. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز يوق› دەپ قارايدۇ. بەزى تارماقلاردا مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئەھۋالى ئېغىر. بەشىنچىدىن، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە بولغان سېلىنما يېتەرلىك ئەمەس.»
بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېنىق مەلۇماتى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنمىدى.
بەزىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالدى بىلەن ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى بىر ئۆيدە گاز تۇڭى پارتلاپ، ئوت شۇ يەردىن ئەتراپقا يامرىغان. بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنى تاماكا قالدۇقى ياكى توك سىملىرىدىكى كۆيۈش پەيدا قىلغان. يەنە بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىچە بولسا، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ سۇيىقەستى، خىتايلار ئۇيغۇر بايلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن قەستەن پەيدا قىلغان بىر ۋەقە.
قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا. ئەمما مۇقىملىققا تەسىر يېتىدۇ، دېگەن گۇمان بىلەن بۇ زور ئوت ئاپىتىنىڭ خەۋىرىنىمۇ ئېلان قىلىشقا پېتىنالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ناتايىن.