0:00 / 0:00
خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى خوتەن شەھىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا تىزگىنلىمىگەن ياكى ئاپەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان. نەتىجىدە 42 ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-بىساتى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن.
ئوت ئاپىتى مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن شەھەردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان «گۈللۈك» ئولتۇراق رايونى ۋە ئۆي جاھازلىرى بازىرىدا كۆرۈلگەن.
ۋەقە گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، سۇ چاچماي قاراپ تۇرغان. ئوت 5 سائەت داۋام قىلغان.
خىتاي ئۆت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قوماندانلىق شتابىنى بۇنى رەت قىلدى. ھازىر مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل گۇمانلار مەۋجۇت.