خوتەندىكى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان 42 ئۆينىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سۇغۇرتىسى يوق بولۇپ، ئۆيلىرى كۆيۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيلەر 4 يىل ئىلگىرى خوتەن شەھەرلىك چاڭلۇڭ ئۆي شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە سېتىپ بېرىلگەن. گەرچە ئۆي ئىگىلىرى تولۇق تۆلەم بىلەن كۆچۈپ كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە يەر خېتى ئالالمىغان. چاڭلۇڭ شىركىتى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يەر خېتى بېرىشنى كەينىگە سوزۇپ كەلگەن، نەتىجىدە يەر خەتسىز قالغان ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىنى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرالمىغان.

چاڭلۇڭ ئۆي شىركىتى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە بىنا ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن چىرايلىق ۋەدىلەرنى بەرگەن، ئەمما ئۆي سېتىۋالغۇچىلار پۇلنى تۆلەپ ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە، بىنادىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭمۇ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى، كارىدورلارغا ھېچقانداق ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىغان. ئۆي ئىگىلىرى چاڭلۇڭ شىركىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، چاڭلۇڭ شىركىتى جىددىي قارىمىغان. ئۆي ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەرز قىلىپمۇ ئاقتۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەچكە ئەرز قىلىشنى توختاتقان.

چاڭلۇڭ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ ئۆيلەرنىڭ شىركەت تەرىپىدىن سۇغۇرتا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ يەر خەت بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇ توغرىدا چاڭلۇڭ شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىسىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى ئېيتتى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چاڭلۇڭ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بولسا، ئىش بېجىرىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوت ئاپىتىدە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار تۇرار يېرى يوق سەرگەردانلارغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا تېخىچە ھېچقانداق ئىنسانىي ياردەم قولىنى سۇنمىدى.

نۆۋەتتە ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولغانلىقى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى تېخىچە ئېنىقلاش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خوتەن شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىدىكى بەزى پەرەزلەر ئومۇمىي زىياننىڭ 100 مىليون سوم بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.