تۆۋەنگە چۈشكەن ئەمەلدارلار نېمىشقا زوراۋان كەنت كادىرىغا گەپ قىلالمىدى؟
2014.04.10
ئىگىلىشىمىزچە، پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزا ئاياغ ئويتاغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئابلىمىت ياسىننىڭ 10 يىلغا سوزۇلغان دەۋا ئىشى يېقىندا توردا ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلى پەيزىۋات ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە تەبىئىي ئاپەتكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا ئاياغ ئويتاغ كەنتىدىكى ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كەتكەن دېھقانلار ئائىلە بېشىغا 2000 سومدىن ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كەنتتىكى دېھقانلار يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇ پۇلغا تايىنىپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى ئۆيلەرنى سېلىشقا باشلىغان.
ۋەھالەنكى، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم دېھقانلار كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇرباننىڭ قولىدىن بۇ ياردەم پۇللىرىنى ئالالمىغان. ئاياغ ئويتاغ كەنتىدە «يەرلىك خاقان» غا ئايلانغان كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇربان قول ئاستىدىكى مالىيەگە مەسئۇل كاتىپى بىلەن بىرلىشىپ، بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ياردەم پۇللىرىنى قول قويۇپ ئېلىۋالغان. كەنت كادىرىدىن پۇللىرىنى ئالالمىغان بىر قىسىم دېھقانلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئابلىمىت ياسىن كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇرباننىڭ قولىدىن ئۆزىگە مەنسۇپ ئاشۇ پۇلنى ئالالمىغان دېھقانلارنىڭ بىرىدۇر. ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىنى ئالالمىغاچقا ئابلىمىت ياسىن يېڭى ئۆي سالالمىغان. 10 يىلدىن بۇيان تىنىمسىز دەۋا قىلىپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كەنت كادىرى ئېلىۋالغان 2000 سوم پۇلنى ئالالمىغان.
دېھقان ئابلىمىت ياسىننىڭ ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ئوغلى يېقىندا بۇ ئىشنى تورغا ئاشكارا قىلغان. بۇنىڭ بىلەن جامائەتچىلىك ئارىسىدا ئابلىمىت قۇربان كەبى كەنت كادىرلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار كۈچەيگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئابلىمىت ياسىننىڭ ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
سوئال: بۇ قانداق ئىش ئىدى؟
جاۋاب: ئەينى ۋاقىتتا كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇربان يۇقىرىدىن كەنتىمىزگە چۈشكەن ياردەم پۇللارنى تارقاتقان ۋاقىتتا بىزنىڭكىنى بەرمەي ئۆزى ئېلىۋاپتۇ. ئۇ شۇ چاغدا دادامغا «بۇ پۇلنى مەن ئىمزا قويۇپ ئالدىم، سىلەرگە ئۆزۈم ئۆي سالدۇرۇپ بېرىمەن» دەپتۇ. كېيىن ئۇ يېڭى ئۆي سالدۇرۇپ بەرمىدى ھەم ھېلىقى 2000 سوم پۇلنىمۇ ئائىلىمىزگە قايتۇرۇپ بەرمىدى.
سوئال: بۇنى يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلمىدىڭلارمۇ؟
جاۋاب: شۇندىن باشلاپ دادام توختىماستىن ئەرز قىلدى. ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە بىر تۇغقىنىمىز بار ئىدى، ئۇ كىشىمۇ ئارىغا چۈشۈپ كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇربانغا پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى دەپتىكەن. ئەمما ئابلىمىت قۇربان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى. ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمىدى.
سوئال: كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇرباننىڭ يېزا ۋە ناھىيەدە ئارقا تىرىكى خېلى كۈچلۈك ئىكەندە!؟
جاۋاب: شۇنداق، ئۇ كەنتىمىزدە پادىشاھتەك ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى كەنت سېكرېتارى. ئۇ ئۆزى بولسا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كەنت باشلىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
سوئال: سىز ئۆزىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
جاۋاب: مەن ئوقۇغۇچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن.
سوئال: ھازىر بۇ دەۋانى سىز قىلىۋاتامسىز؟
جاۋاب: ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مەن كىچىك ئىدىم. ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قانۇن-تۈزۈم، ھەق-ناھەق دېگەنلەرنى چۈشەندىم. شۇڭا بۇ ئۇۋالچىلىقنى تورغا ئېلان قىلىپ، قانۇن ئورۇنلىرى بىلەن جامائەتچىلىكتىن مەدەت سورىدىم. مۇشۇ تەتىلدە ھەتتا دادامنى يېتىلەپ ناھىيەگە بېرىپ ئەرز قىلماقچىمۇ بولدۇم. ھازىر تەشۋىقاتلارغا قارىسا، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلەردىن «ئەل رايىنى بىلىش ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» ئۈچۈن كادىرلار تۆۋەنگە چۈشتى دېگەندەك داۋراڭلار تولا، لېكىن ئائىلىمىزدىكى مۇشۇ ئۇۋالچىلىقنى 10 يىلدىن بۇيان سورايدىغان كىشى يوق.
سوئال: كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇربان ھازىرغىچە ئۆز ئورنىدىمۇ؟
جاۋاب: ھەئە، ئۇ دېگەن «يەرلىك پادىشاھ». ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەممە نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. تۇرمۇشى شۇنچىلىك ياخشى تۇرۇپ ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىنمۇ بەھرىمەن بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە، يۇقىرىدىن كەنتىمىزگە چۈشۈرگەن تۆۋەن كاپالەت پۇللىرىنىڭ 40% نى كەنت كادىرى ئابلىمىت قۇربان ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بىزگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەر ھېلىھەم بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالمايمىز. ناھەقچىلىك شۇنچىلىك كۆپ.
سوئال: يۇقىرىدىن «ئەل رايىنى بىلىش ئۈچۈن» تۆۋەنگە چۈشكەن ئەمەلدارلار بۇ ئىشلارنى سورىمامدۇ؟
جاۋاب: ياق، ھەل قىلمىدى، دەسلەپ ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتكەن. كېيىن قارىساق، ئۇلار ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەمەلدارلار ئەمەسكەن. بىزنىڭ بۇ كەنتلەرگە پەيزىۋات ناھىيەسىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەتتىكى كادىرلار چۈشۈپتۇ. كەنت كادىرلىرى يېزا ۋە ناھىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىچكى تور ھاسىل قىلىۋالغان بولغاچقا، دېھقاننىڭ ھال-دەردىنى ئاڭلايدىغان كىشى يوقكەن. ھېلىقى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارمۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ ئارقىسىدىن نەدە زىياپەت ۋە مېھماندارچىلىق بولسا شۇ يەردە يەپ-ئىچىپ ھېچ بىر ئىشنى ھەل قىلغىنىنى كۆرمىدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ ھېلىقى دەۋا ئىشىمىزنى دېسەك، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بىزگە تەسەللى بېرىپ داۋاملىق ئەرز قىلماسلىقىمىزنى تەكىتلەپ تۇرۇۋالدى. بەكرەك كۈچەيلى دېسەك، خۇددى «ئوسما كېتىپ قاش قالىدۇ» دېگەن ماقالدەك، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقىدىغان گەپكەن!...