خىتاينىڭ «جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى»دىن ئىپادىلەنگەن سىياسىي غەرەزلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسى نۇر بەكرى 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئەمما نۇر بەكرى كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى خىتاي تىلى بىلەن جاكارلىغان ۋە پۈتۈن تەبرىك سۆزى ھەم بايانلىرىنىڭ ھەممىسى خىتايچە داۋاملاشقان.

نۇر بەكرى بايانىدا «جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن دۇنياغا يۈرۈش قىلىشتىكى دەرۋازىسىغا ئايلاندى. ئېچىۋېتىش قەدىمى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مول نەتىجىلىرىنى ياراتتى، بىز ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق خىرىس ئالدىدا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشەنچىمىزدىن تەۋرەنمەيمىز، ھەر قانداق كۈچ، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرقانداق ھەرىكەت ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىناق ئۆتۈش، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ئورتاق تونۇشىمىزنى بۇزۇۋېتەلمەيدۇ». دەپ سۆز قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، نۇر بەكرىنىڭ «جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق بىر سۇپىدا ئۆز تىلى ئەمەس، بەلكى خىتاي تىلىدا بايان بېرىشنىڭ ئۆزىدىنلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ مەزكۇر كۆرگەزمىنى ئېچىش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك» دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ قاتناشقان ۋە ھەم سۆز قىلغان.

خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن تەبرىك سۆزى قىلغان.

قازاقىستان باش مىنىستىرى مەسىموف، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئاتامبايېف، گىرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى زىۋىئاد كىگىگۇرى، ب د ت سانائەت تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لى يۇڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مېي جىنسەي ھەمدە بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشقان ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلغان. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە شىنجاڭنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىشىنى، شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قاتار زور ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇقىملىق، باستۇرۇش ۋە سىياسەتلىرى كۈچەيتىلگەن بىر پەيتتە ئېچىلغان جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۇنيا مەتبۇئاتى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەت ھەم ھەر ساھەنىڭ بەلگىلىك دىققىتىنى تارتماقتا. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە دائىر تارقاتقان سانلىق مەلۇماتلاردىن قاتناشقان دۆلەت ۋە رايون، ئورنىتىلغان ھەمكارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ۋە ھالقىشلار بارلىققا كەلگەنلىكىدەك ئىپادە ھاسىل قىلىنغان، ئەمما تەشۋىقاتلاردىكى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە بارلىققا كەلگەن تەنتەنىلىك ۋەزىيەت خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىق قۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى ۋە تەقەززاسىنى نامايان قىلامدۇ؟

بۇ ھەقتە توختالغان ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك كاتتا كۆرگەزمىنى ئاسىيادا ئۆزئارا ئىشىنىش ئورنىتىش پۇرسىتى دەپ بىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەدە ئورتاقلىق بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى قۇرۇش خىيالىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دۇنياغا چەكسىز پۇرسەت ۋە پارلاق ئىستىقبال ئاتا قىلغۇسى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنى ئورتاق قۇرۇش» ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن تەڭ خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقاتلىرىدا نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى: «بۇ جۇڭگو ئۈچۈن پۇرسەت، شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈن پۇرسەت، ئۇ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى قوشنىدارچىلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى ئەمەلىي ھەمكارلىق، سىجىل ئېشىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق»، دەپ كۆرسەتمەكتە. ھالبۇكى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، خىتاينىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» دىن ئىبارەت «شەرقتە دېڭىز ئارقىلىق چىقىرىش، غەرب تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە، بۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شەرقتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىساد بەلۋېغىغا، غەربتە ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىگە تۇتىشىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىقتىساد بەلۋېغىغا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئەمەلىي رىقابەت يارىتىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ،«بۇ پەقەت خىتاينىڭ گۈزەل چۈشى خالاس، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى خىتاينىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ، كونترولمۇ قىلالمايدۇ، باشقىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.