23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا قىرغىزىستان ھەم ئەرمېنىيە دۆلەتلىرىنى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا-باج ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىگە قول قويۇش ھەمدە بۇ ئىتتىپاققا ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى دەپ نام بېرىش مۇراسىمى بولدى. بۇ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى كېلىشىمنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ھەم ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيەتلىرى ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بۇلالايدۇ.
تاموژنا-باج ئىتتىپاقى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىفنىڭ تەشەببۇسى ھەمدە رۇسىيە، بىلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 2011-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا-باج بېكەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ دۆلەتلەر ئارا ئەركىن سودا جانلانغان شۇنداقلا بىرلىككە كەلگەن باھا سىياسىتى يولغا قويۇلغان ئىدى.
ھالبۇكى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىدەللەر سەۋەبىدىن غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە قارىتا ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈۋاتقان، نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلىشىشىغا ئەگىشىپ رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، رۇسىيە ئېغىر ئىقتىسادى كىرزىسقا پېتىپ قالغان نۆۋەتتىكى شارائىتتا قۇرۇلغان بۇ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قارىتا كۆزەتكۈچىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولماقتا.
ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ رۇسىيەنى مەركەز قىلغان بۇ ئىقتىسادى گەۋدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇيالامدۇ؟ بۇ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر بېرىشى مۇمكىن دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئىلىپ باردۇق.