قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايىف 23-دېكابىر كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان ھەم ئەرمېنىيە دۆلەتلىرىنى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا-باج ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىگە قول قويۇش ھەمدە بۇ ئىتتىپاققا ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى دەپ نام بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە 2015-يىلى 9-مايدا، يەنى «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش» كۈنىدە قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزاسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى تېمىر سارىيىفنىڭ تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇ- ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى ھەققىدە قول قويۇلغان كېلىشىمگە ئاساسەن بۇ ئىقتىسادى گەۋدىدە رۇسىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 85% بولغان. قازاقىستاننىڭ 7% تىن كۆپرەك، بىلارۇسىيەنىڭ 4.7%, قىرغىزىستاننىڭ 1.9%, ئەرمىنىيەنىڭ 1.3% بولغان.
تېمىر سارىيىفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندا يېمەك-ئىچمەكنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچى لابىراتورىيەلەرنى قۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە 200 مىليون دوللار، قازاقىستان 100 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مەھكىمىلەرنى 2015-يىلنىڭ 1-مايىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرگۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ياۋرۇ-ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ رۇسىيەنى مەركەز قىلغان بۇ ئىقتىسادى گەۋدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىنى توسىيالامدۇ؟ بۇ ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر بېرىشى مۇمكىن دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە، بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئىلىپ باردۇق.
تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ قەھرىمان غۇجامبەردى بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ئىدۇق، بۈگۈن بۇ سۆھبەتنىڭ داۋامى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن.