«ئەرزان باھالىق تاۋار ئېكسپورتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇشقا يول ئېچىۋاتىدۇ»
2016.10.19

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق پولات، ئاليۇمىن، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر تىبەت، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەرزان باھالىق خام ئەشياسى ۋە ئېنېرگىيىسى بولمىسا، خىتاي پولات، ئاليۇمىن ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنداق ئەرزان باھادا ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلالمايدىكەن.
«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»، شۇڭا «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى، دېڭىز ساھىلىدىكى مۇھىتقا زىيانلىق سانائەتلەرنى شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستانغا ھەم ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكەپ، دۆلەتنىڭ مالىيە ياردىمىدە تېخىمۇ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.»
«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» باياناتىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى دېڭىز ساھىلىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك نارازىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى ۋە كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى قۇرۇپ، تېخىمۇ ئەرزان باھالىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش. ھالبۇكى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللار ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلدى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇلرىخ دېلىئۇس چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى بېرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ سانائەت كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىشى ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زىيان سالغان.
ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ خىل ئەرزان باھالىق تاۋار ئېكسپورتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا نىسبەتەن يېڭى دەپسەندىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىز يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە نۇرغۇن سانائەت تۈرى، بولۇپمۇ پولات ۋە ئاليۇمىن سانائىتى خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز ساھىلىدىكى رايونلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكەپ ئاپىرىلغانلىقىنى كۆردۇق. نەتىجىدە، ئېكولوگىيە بۇ رايونلاردا ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ، مۇھىت ئاپىتى كۆلىمى زورايغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئىزچىل تېخىمۇ زور كۆلەملىك ئاليۇمىن كارخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى».
ئۇلرېخ دېلئىئۇس يەنە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ چىققان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىجابىي پايدىسى تەگمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇرلانىڭ ئېرىشكىنى پەقەت ئېغىر مۇھىت ۋەيرانچىلىقى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇلرىخ دېلىئىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىجابىي پايدىسى تەگمىدى. ئىشسىزلىق ئۇيغۇرلاردا ئاپەت خاراكتېرلىك بىر مەسىلە. چۈنكى، بۇ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار بولدى. بۇنىڭ شەخسىي پايدىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان شۇ كىشىلەر كۆردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەت ۋە خۇسۇسىي كارخانىلاردا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا شۇلار ئېرىشتى. بىزنىڭ تەسىراتىمىز بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشكىنى ئېكولوگىيىلىك ئاپەت ۋە مۇھىت مەسىلىسىدۇر».
بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ پولات، ئاليۇمىن ۋە توقۇمىچىلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە باغلاپ ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان يىغىندا، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت ياكى ئەمەسلىكىنى قارار قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ، بۇ يىل 11-دېكابىرغا قەدەر بۇنىڭغا ھېچقانداق قارار چىقارمىسا، ئۇنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى ئاپتوماتىك ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ.
«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى ئاپتوماتىك ئېتىراپ قىلىنسا،خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىش تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى گېرمانىيە قاتارلىق بەزى سانائەتلەشكەن چوڭ دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى يۈز بېرىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، پولشا، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتايغا بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنى بېرىشكە قارشىكەن. چۈنكى، بۇ دۆلەتلەر خىتايغا بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك شتاتى بېرىلسە، ئۇنىڭ ئەرزان باھالىق ئېكسپورت مەھسۇلاتى ئۆزلىرىنىڭ سانائىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.
ئۇلرېخ دېلىئۇس، ئۆزلىرىنىڭ خىتاينى ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى دۆلەت، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىز خىتاينىڭ ئەمەلىي ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلساق، بىز ئۇ ھەقىقىي بازار ئىگىلىكى ئەمەس، دېگەن خۇلاسىغا كېلىمىز. ئۇنىڭدا دۆلەت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئېتىبار خاراكتېرلىك ياردەملەرنى بېرىدۇ. خۇسۇسەن ئېنېرگىيە، كۆمۈر، گاز، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ياردەم بېرىلمىسە، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ قىممەت بولغان بولاتتى. دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىشى سەۋەبلىك خىتاي نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنى خۇسۇسەن پولات، ئاليۇمىن، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ناھايىتى ئەرزان باھادا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ خىتايغا بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك شتاتى بېرىشكە قارشى تۇرۇشىمىزدىكى بىر سەۋەب. ئەمما بىزدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئامىل، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى.»