تۈركىيەدىكى مۇھاكىمە يىغىندا ئۇيغۇر مۇساپىر يېتىم بالىلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2015.12.14

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساقچى ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «خەتەر ئاستىدىكى ۋە قوغدىلىدىغان بالىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يېتىم-يېسىر بالىلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق خەتەر ئاستىدىكى ۋە قوغدىلىدىغان بالىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-دېكابىر كۈنىدىن 13-دېكابىر كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ تونۇلغان ساياھەت شەھەرلىرىدىن ئانتالىيانىڭ بەلەك رايونىدىكى پاپىللون ئايچا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيە ساقچى ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر، ساقچى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرىدىكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىزمىر ئۇنىۋېرسىتېتى، سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يېدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن پسىخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، سىياسەت بىلىملىرى ساھەسىدىكى ئاكادېمىك زىيالىيلار، بالىلار دۇچار بولۇۋاتقان خەۋپلەر ۋە بالىلارنى قانداق قوغداش توغرىسىدا تەييارلىغان ھەر خىل تېمىلاردىكى تەتقىقات دوكلاتلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلدى. يىغىندا 220 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا، تۈركىيەدىكى ياش-ئۆسمۈر، مېيىپ بالىلار، تېررورچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر، يېتىم-يېسىر بالىلار، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيەدە پاناھلانغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا-ئانىسى جەڭدە ئۆلگەن سۈرىيەلىك يېتىم بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، شۇنداقلا تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ مەسىلىلىرى نۇقتىلىق كۈنتەرتىپكە كەلدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە خىتاي نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىنىڭ مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرگەنلىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىشتى. يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇتەخەسسىس ئەلىشىر ئەپەندى، 2014-يىلى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، 2015-يىلى تايلاندتا تۇتۇلغان تەخمىنەن 496 ئۇيغۇردىن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە، ئىستانبۇلدا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان ياكى تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان 120بالىنىڭ بارلىقىنى، قەيسەرىدە بولسا، 40 بالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، بۇ بالىلارنىڭ تۈركىيەدە مائارىپ، سەھىيە، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ بالىلارغا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
بىز يىغىن ئاخىرىدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ساقچى ئاكادېمىيەسى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئايشە قاۋۇنجۇ خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى ساقچى ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇردۇق. 7-قېتىملىقىنى ئۆتكۈزدۇق. خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. بۇ يىغىننى بۇرۇن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۇيۇشتۇراتتى. كېيىنكى ئىككى قېتىملىق خەتەر ئاستىدىكى يېتىم-يېسىرلار يىغىنىنى بىز ساقچى ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزدۇق. يىغىندا جەمئىيىتىمىزدە ئەڭ ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتۇق. بۇلاردىن سىرت، سۈرىيەدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىن، ئافغانىستاندىن ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن دۆلىتىمىزگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ، يېتىم-يېسىرلارنىڭ دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»
بۇ يىغىندا مۇساپىر ياش-ئۆسمۈرلەر مەسىلىسى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى، تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ خاتىرىلەندى. بۇ تەلەپلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەل قىلارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا در. ئايشە قاۋۇنجۇ خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۆلىتىمىز بۇلارنى بىلىدۇ. ئەمما شۇنداق بىر ھەقىقەت بار. دۆلىتىمىز كۈچلۈك بىر دۆلەت. خەلقىمىزمۇ مېھماندوست بىر خەلق. ئەسلىدە ئەسىرلەردىن بېرى تۈركىيەنى تۈركىيە قىلغان ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىز. شۇڭا بىز ئۇلارنى كۆچمەن دېمەي تۈركىيەنىڭ ئىگىلىرى دەپ قارىشىمىز كېرەك. تۈركىيە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قېرىنداش مىللەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر يېتىم-يېسىرلار دۇچار بولغان مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. »
يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەدە پاناھلانغان ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغىمۇ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.