يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى ھايانكەشلەرنىڭ قارا يول ئېچىشىغا قۇلايلىق ياراتماقتا

0:00 / 0:00

مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەرنىڭ، ساياھەتچىلىك كەسپىدە بازار ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى رايونىدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈچەيتىشى بەزى قانۇنسىز كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز باھا بېكىتىپ قارا يوللارنى ئېچىشىغا قۇلايلىق ياراتقان. كىشىنى ھەيران قىلىدىغىنى شۇكى، ھەتتا بەزى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن،ئەمما تېخى ئېچىلمىغان كۆلىمى، تارىخىي دەۋرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىي قىممىتى تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن تىلسىمات كەبى قەدىمىي قەبرىستانلىقلارغىمۇ، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت پۇل ئارقىلىق، شەخسى مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق كىرىدىغان يوچۇقلارنىڭ بارلىقى قانۇنسىز ساياھەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، 2015-يىلىنى «يىپەك يولى ساياھەت يىلى» قىلىپ بېكىتتى ۋە بۇندىن كېيىن يىپەك يولى بويىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك، رايونلار ئارا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توسالغۇسىز ساياھەت يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر يىپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن تېخىمۇ قۇلاي بەھرىمەن قىلىنىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.

2014-يىللىق 16-نويابىر شاڭخەيدە ئاخىرلاشقان، جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت-سودا يەرمەنكىسى ھەققىدە خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى«شىنجاڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سەييارە سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى» دەپ خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسىدىكى مۇئاۋىن كۆزەتكۈچى ما رۈي مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە بازار ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى رايونىدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېچىلىشى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى بىر چوڭ سېتىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ».

خىتاينىڭ تۇنجى ساياھەت قانۇنى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى، خىتاي ئۆزىنىڭ دوكلاتلىرىدىن ساياھەت قانۇنىنى يولغا قويغاندىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا ساياھەتچىلىك قارا تۆشۈك ۋە قارار يوللىرى مەۋجۇتلۇقى، يەنى خىتايدا ساياھەتچىلىكنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ تېخى ئىنتايىن ئاجىزلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى باشقۇرۇشتا قانداق يول تۇتۇۋاتقانلىقىغا جاۋاب ئىزدەش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر قانچە ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، سوئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاب ئالالمىدۇق.

ئەمما، خوتەن شەھەر ئىچىدە «خەلقئارالىق ساياھەت ھەمكارلىق شىركىتى» نامىدا شەخسى ساياھەتچىلىك شىركىتى قۇرۇۋالغان خېنەنلىك دېڭ جەنخۇا ئىسىملىك بىر خىتاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە خوتەندە سىياسەتلەرنىڭ ياخشى، پۇل تېپىش يولىنىڭ كۆپلۈكىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي خوجايىن پۇل تېپىشنىڭ غېمىدە، تەكىتلىشىمگە قارىماي، مۇخبىر ئىكەنلىكىمنىمۇ ئاڭقىرالمىغان بولسا كېرەك، ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانقىنىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كارامەت يوللىرى بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپ: خوتەنگە ساياھەتكە كېلىپ قالسىڭىز مېنى ئىزدەڭ، كىرىش چەكلەنگەن، باشقىلار كىرەلمەيدىغان، قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغىمۇ ئەكىرەلەيمەن، خوتەن ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى باشلىقى، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى، ساقچى دەمسىز ھەر قانداق جايدا ھەمكارلىشىدىغان يېقىن تونۇشلىرىم بار. ئاسانلا رۇخسەت خەتلىرىنى چىقىرىپ يول ئېچىپ بېرىدۇ، ھەتتا ھېچكىم كىرەلمەيدىغان مەسىلەن مىران، نىيە خارابىلىكى دېگەندەك قوغدىلىدىغان ئاسارە ئەتىقە ئورۇنلىرىغىمۇ ساياھەتكە باشلاپ كىرەلەيمەن» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئارىلىقىدا يەنە «خوتەنگە ياكى شىنجاڭغا ساياھەت قىلغىلى كەلسىڭىز، چوقۇم خىتايلارنى ئىزدەڭ، ئۇيغۇرلار ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ، ئىش قىلالمايدۇ» دەپ تەكىتلەپ ئۈلگۈردى.

خوتەندىكى تىلسىماتلارغا كىرىش ئۈچۈن ساياھەت ھەققىنى سورىغىنىمىزدا ھېيىقماستىن «جۇڭگولۇق بولسىڭىز 100مىڭ يۈەن، سىزگە ئوخشاش چەتئەللىكلەرگە 100مىڭ دوللار كېتىدۇ» دېدى.

كىشىنى ھەيران قىلىدىغىنى شۇكى، ساياھەتچىلىكنىڭ قىزىق دولقۇنىدا ھەتتا بەزى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلىپ بېكىتىلگەن، تېخى ئېچىلمىغان كۆلىمى، تارىخىي دەۋرى ۋە مەدەنىيەت تارىخىي قىممىتى تېخى ئېنىق بىكىتىلمىگەن تىلسىمات كەبى قەدىمىي قەبرىستانلىقلارغىمۇ پەقەت پۇل ئارقىلىق، پارا ئارقىلىقلا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىرىدىغان يوچۇقلار بارلىقى قارا ئۆڭكۈرنى كولىغۇچىلارنىڭ بولسا، ئەمەلىيەتتە قانۇننى ئىجرا قىلىشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا مەسئۇلىيىتى بار بولغانلار ئىكەنلىكى، يوچۇقنىڭ چوڭلۇقى مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خوتەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى. خوتەن ۋىلايىتىدە ساياھەت نۇقتىلىرى قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىمۇ خېلى كۆپ. تارىخىي پاكىتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇنىڭدىن 7-8 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا چەرچەن دەرياسى ۋادىسىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. نىيە، مىران قەدىمىي شەھەر خارابىلىقلىرىغا ئوخشاش، مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭمۇ قارا قويۇق ساياھەتچىلىككە ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ تەشۋىشلەنگەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر«ساياھەتچىلەر خالىغانچە كىرىپ دەسسەپ چەيلەپ بۇزۇپ، بۇلاپ يوقىتىۋاتقان بۇ خارابىلىقلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەر ھەققىدىكى تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن بولغان قىممەتلىك، ھەتتا بىردىن-بىر تېپىلماس بايلىقتۇر. بۇلارنى ئېچىش، قوغداش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقى سۈپىتىدە پايدىلىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ھەمدە تارىختىن بۇيانقى خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى قاتلاملىرىنى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىش تېخى بىزنىڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان مۇھىم بىر ئىلمىي ئەمگەكتۇر» دەپ تەكىتلەپ كەلمەكتە.