ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە بۇ نۆۋەتلىك بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغانىدى ۋە ئامېرىكا بۇ قارارىغا ئاساسەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» داۋام قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە، يەنى خىتايدا كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىندا بايدېن ھۆكۈمىتى يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى» نى ئىمزالىدى ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئىلىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
12-يانۋار كۈنى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى «ئايپەك» (IPAC) شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە قىيىن-قىستاقلار» دېگەن تېمىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى. مەزكۇر تور مۇھاكىمە يىغىنىغا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى سىر جېففېرى نايىس ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، 21 دۆلەتتىن 30 دىن ئارتۇق مۇنازىرىلەشكۈچى ۋە 45 تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشقانىدى.
12-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات قاناللىرىدا ئامېرىكاغا، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ باش سوتچىسى سىر جېففېرى نايىس ئەپەندىگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) ۋە باشقا بارلىق خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغان شەخس ھەم ئورگانلارغا ھۇجۇم قىلغان.
14-يانۋار كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى»، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ چىقارغان ھۆكۈمى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئامېرىكانى «بىر قىسىم خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ»، دېيىش ئارقىلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان بارلىق ئىسپاتلارنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
بۇ ھەقتە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى خىتاينىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگدى، شۇڭا ئولتۇرالماي تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.»
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قانۇن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، پەقەت ئاساسسىز ھالدا خىتايغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېگەن. سىر جېففېرى نايىس ئەپەندىنى بولسا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «ئەنگلىيە ئىشپىيونى» دەپ بوھتان چاپلىغان.
سىر جېففېرى نايىس ئەپەندى 12-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە قىيىن-قىستاقلارغا» ناملىق تور يىغىنىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە ئۇنىڭ چىقارغان ھۆكۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بىز ئەلۋەتتە سوت ئەمەس، بۇ ياخشى تەرىپى. بىزنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق، لېكىن بىزنىڭ كۈچلۈك يېرىمىزمۇ دەل شۇ يەردە. بىزنىڭ سالاھىيەت كۆرسىتىدىغان كىيىملەرگە، بەلگىلەرگە ئېھتىياجىمىز يوق. بىز خەلق، بۇ بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن بەلگە. بىز خىتاي تەرەپنى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› كە قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار قاتنىشىشىنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇلار نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، سوت كوللېگىيەمىز ھېچبىر شەكىلدە ئۇلارنى نىشانغا ئالمىدۇق. بىز توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقاردۇق. قولىمىزدا بولمىغان ھېچقانداق ئىسپاتقا تايانمىدۇق».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ سوت ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغۇچە بولغان ئارىلىقتا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە باش سوتچىسى سىر جېففېرى نايىس ئەپەندىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. ئۇ بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى سوتچىلىرىنىڭ ناھايىتى كەسىپچانلقىغا شاھىت بولدۇم. سوت كوللېگىيەسى پەقەت ۋە پەقەتلا ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارغا تاياندى. سوتقا قاتناشقان ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارغىمۇ مەن تەرجىمانلىق قىلدىم، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلدى. خىتاي مىليون قېتىم ئىنكار قىلسىمۇ، ھەقىقەت ھامىنى ھەقىقەت».
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رەسىمنى ئېكرانغا چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقىنى، مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يېگۈزۈلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ئۇلارنى يەنە «يالغانچى» غا چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇنداق يالغانچىلىقى بىرىنچى قېتىم ئەمەس. مېنىڭ لاگېردا ياتقىنىم راست. خىتاي بىر قېتىم مېنى يالغانغا چىقارسا مەن لاگېردا بېشىمدىن كەچۈرگەنلىرىمنى ئىككى قېتىم دەيمەن. خىتاي مېنى ئۆلتۈرۈپ بولغان، مەن ئەمدى ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. ئەگەر مېنى لاگېردا ياتقىنى يالغان، دېسە مانا مەن خىتايغا بېرىپ ياتقان لاگېرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تەييار».