فرانسىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان تارىخىي قارار چىقاردى

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، 20-يانۋار كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە پارلامېنتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، چىخىيە ۋە لىتۋادىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان 8-دۆلەت پارلامېنتى بولۇپ قالغان.

20-يانۋار كۈنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ھەققىدىكى قارار لايىھەسى فرانسىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغان. مەزكۇر قارار لايىھەسى فرانسىيە پارلامېنتىدا 169 ئاۋاز ئاۋاز بىلەن، يەنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغان. بۇ قارار لايىھەسى نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ پارتىيەسى بولغان «جۇمھۇرىيەت ھەرىكەت پارتىيەسى» نىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئوڭدىن: د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى ئولىۋېر فاۋرې، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مەمتىمىن ئابباسلار فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان مۇراسىمىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى 20 يانۋار، پارىژ.
ئوڭدىن: د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى ئولىۋېر فاۋرې، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان ۋە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مەمتىمىن ئابباسلار فىرانسىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان مۇراسىمىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى 20 يانۋار، پارىژ.

فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدىن بىرى بولغان «فىرانسىيە 24» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: «فرانسىيە پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىككى ھەپتە قالغاندا، پارىژ بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىگە قارىماستىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان باستۇرۇشىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى،» دېيىلگەن.

فرانسىيە پارلامېنتى يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرغان.

سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئولىۋىيېر فائۇر «فىرانسىيە 24» قانىلىغا بەرگەن ئىنكاسىدا، پارلامېنتتا ئالدىنقى ھەپتە گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېردىكى قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگىك ئەھۋاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىر چوڭ دۆلەت، بىز خىتايلارنى ياخشى كۆرىمىز. ئەمما بىز ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلمايمىز.»

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى فرانسىيەدىكى ھەر ساھەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن دىلنۇر رەيھان خانىم بۈگۈن فرانسىيە پارلامېنتى ئالدىدا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئۇ فرانسىيە پارلامېنتى چىقارغان بۇ تارىخىي قارار ھەققىدە ئۆز تەسىراتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن. 2022-يىلى 17-يانۋار.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككىنچى قېتىملىق ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان لاگېر شاھىتلىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن. 2022-يىلى 17-يانۋار.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «فرانسىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەمۇ بىزنى قوللىدى. بىز تولۇق غەلىبە قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئالىدىغان قارارلىرىغا ئەمدى تېخىمۇ قاتتىق بىسىم قىلالايمىز.»

سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بورىس ۋاللاۋۇد رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىيىن-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىچكىي ئورگان ئەتكەسچىلىكى، يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىدى. بۈگۈن ناھايىتى خۇشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى. يەنى ئىرقى قىرغىنچىلىق قارارى 169 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ قارار فرانسىيەنىڭ قىممەت قارىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ، ئادالەتنىڭ فىرانسىيە خەلقىگە ۋە شۇنداقلا دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرگە تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى بىر يولى بولدى. شۇڭا مەن بۇ قاراردىن بەك مەمنۇن بولدۇم. بۇ كۈرەش داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز ھەر پۇرسەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممە جايدا قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىشىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ئىزچىل ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى رەت قىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېرلار ۋە ئۇ يەردىكى ۋەھشىيلىكلەر ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ئەركىن ياشىيالىشى ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىققا بويسۇنماي، داۋاملىق تىرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ غەلىبە يىللاردىن بۇيان فرانسىيەدىكى ياشلارغا، ئاياللارغا، سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە ۋە فرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەدىكىلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنىمسىز تۈردە ئاڭلىتىپ، ئۇلانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىلىپ بارغان تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. يېقىندا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى فرانسىيە سوتسىيال پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە پارلامېنتىدا «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى ئېتىراپ قىلىش قارار لايىھەسى» توغرىسىدا ئىككى قېتىم گۇۋاھلىق ئاڭلاش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا لاگېر شاھىتلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتناشقان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ تارىىىي قارارنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشقان. ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەشكەن.

ئاخىرىدا دىلنۇر رەيھان خانىم مۇنداق دېدى: «ئادالەتسىزلىككە بويسۇنۇش ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكتۇر. تىرىشساقلا جاھاندا قىلالمايدىغان ئىش يوق.»