گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى

0:00 / 0:00

گېرمانچە مەتبۇئاتلاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارى ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە كەڭ ئورۇن ئالدى.

19-يانۋار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى گېرمان تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ئۇچۇرنى ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە بەس-بەستە كۆچۈرۈپ تارقاتتى ھەم تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د نىڭ «كۈندىلىك خەۋەرلەر» سەھىپىسىدە 19-يانۋار ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم: پومپېيو خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى. پومپېيو خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ سۆزىدە ‹مەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن، بىز خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز› دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى. مايىك پومپېيو يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىقلار ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ‹خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئاخىرىدا تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە› دېدى. ئۇ يەنە مەزكۇر دۆلەتنىڭ كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.»

گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ژۇرنال «ئەينەك» تە ئېلان قىلىنغان «مۇسۇلمان ئازسانلىقلار: ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن زۇلۇم ۋە تۈرلۈك باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەنلىكى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى مىنۇتلاردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيونىڭ خىتايغا قارىتا تەلەپپۇزىنىڭ ناھايىتى قاتتىق چىققانلىقى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىشىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يىرىكلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى ئېلان قىلغان «پومپپېيو خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە: «ئامېرىكىدا ھوقۇق ئالمىشىدىغان ئاخىرقى كۈندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا مەيدانىنى ئوچۇق ئاشكارىلىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالغان.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ‹خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خىتاي خەلقى ۋە دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەتلىك خەلقلەرگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر، ئەمدى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش كېرەك› دېدى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئاتىدى. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغان-ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما سايلام مەزگىلىدە جوۋ بايدىن شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان».

شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۇرىكلىكلەر گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈندە بىر يۈرۈش تاشقى سىياسەت قارارلىرىنى بېكىتىپ چىقتى. ھۆكۈمەت ئىنتايىن قاتتىق بايانات بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ۋەزىپىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى قارار ۋە باياناتلاردىن پايدىلىنىپ جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىگە نىشان بەلگىلەپ بەردى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا ھازىرغا قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ قاتتىق بىر زەربىنى بەردى. بۇ بولسىمۇ مۇستەبىت كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا ياشايدىغان باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىشىدۇر.»

مەزكۇر خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ 2020-يىلى 8-ئايدىكى سايلام نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

«گېرمانىيە رادىئو-تېلېۋىزىيەسى» قانىلى 20-يانۋار ئېلان قىلغان «پومپېيو خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى دەپ ئەيىبلىدى. پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان».

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. 19-يانۋار د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھىممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ قاراردىن كۆپ سۆيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەرمۇ بۇ خۇسۇستىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.