20-يانۋار فرانسىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلىغا سەۋەبچى بولدى. مەزكۇر قارار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن پۈتكۈل ياۋروپا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. يازمىلاردا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ بىرىنچى بولۇپ فرانسىيەگە ئوخشاش غەرب قىممەت قارىشىنىڭ تەرغىباتچىسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى» ئىكەنلىكى كۆپلەپ تەكىتلەنمەكتە.
بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە كۆرە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان زامانىنى 2016-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بۇ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان زۇلۇملارنى خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن 5 ياكى 6 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. ھەتتا ئۇنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سانى تېخى 10 غا يەتمىگەن.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىش تارىخىنى ۋاراقلىساق، تۆۋەندىكىلەر نەزەرىمىزگە چېلىقىدۇ:
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە داۋام قىلغان ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن ئىدى. 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مەزكۇر كومىتېت دوكلات ئېلان قىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارادا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئاستا-ئاستا تونۇلۇشقا باشلىغان.
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قارار ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كەبى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا» دېيىلگەن. بىراق بۇ قاراردا كەسكىن تۈردە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئوچۇق ئېتىراپ قىلىنمىغان.
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايىك پومپىيو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان. بۇ تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ خەلقئارادا ئامېرىكادەك بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ قالغان.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگە كەلگەندە، كانادا پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر قارار قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىن تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت پارلامېنتى بولۇپ قالغان.
2021-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارى كۆپ تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان.
2021-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى لىتۋا پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چېخىيە پارلامېنتىمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى قوبۇل قىلغان.
2021-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېلگىيە پارلامېنتىمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىتىراپ قىلىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگە كەلگەندە، يەنى خىتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئىككى ھەپتە قالغاندا فرانسىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى قوبۇل قىلىپ، غەرب دۇنياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
نورۋېگىيەدىكى جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپادىكى كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىگە ئىگە فرانسىيەنىڭ بۇ قارارى تەۋرىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئويغىتىش رولىنى ئوينىسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش قارارلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىكەن. فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مەمتىمىن ئابباسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىلدىكى قارارلارنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشى، ئاخىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.
ئەمما گېرمانىيە ياۋروپادىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تېخى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. گەرچە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 5 چوڭ پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى يەنىلا تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرماقتىكەن.