«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» قارارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى

0:00 / 0:00

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە سايلامدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە مەركەزلىشىۋاتقاندا، ئاقسارايدىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى ئېلىشى غەرپ دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زور بىر ھاڭ پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئەپەندىنىڭ بۇ قارارنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىشى بۇ ھالنى تېخىمۇ كۈچلۈك نامايەن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە بولماسلىق ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى بۇ ساھەدىكى خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېلىھەم زور ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ھەل قىلغۇچ قارارنى ئېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، مەيلى مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن ياكى ئاۋام پۇقرالار بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشى بۇنىڭ غايەت زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «مىراس» فوندىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى ئولىۋىيا ئېناس خانىمنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭ تېخىمۇ زور ئەھمىيىتى بۇ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بايدىن ھۆكۈمىتىنى ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن، شۇنىڭدەك ئادالەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا بىۋاستە ئۈندەشتە ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

«بۇ قارارنىڭ ئېلىنغانلىقى ھەقىقەتنى ئەڭ توغرا دەرىجىدە ياقلىغان بىر مۇھىم قەدەم ھېساپلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاشكارا قارار ئېلىشىدۇر. بۇنداق بىر قارار ئېلىنغان ئىكەن ئۇ تارىخ ۋە سىياسىي قارار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەمدە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. شۇڭا ترامپ ھۆكۈمىتى ئاق سارايدىن ئايرىلىش ھارپىسىدەك مۇشۇنداق ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ قارار يەنىلا ئادەمنى بەكلا خۇرسەن قىلىدۇ. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا سالاھىيەت بېرىشنى تېزلىتىش، ئاشۇ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقان ھەمدە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە جازا بېرىش ھەققىدە سۆز قىلمىدى. ئەمما خەلقئارا نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا بۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ پىكرىنى بىر نۇقتىغا توپلاش ھەمدە نۆۋەتتىكى دەپسەندىچلىككە قارشى كۆپ قاتلاملىق ئىنكاس پەيدا قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاسىيا ۋە ئافرىقادىكى نامرات دۆلەتلەرنى ئۆز يېنىغا تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى ئەيىبلىشىنى رەت قىلىشىدا زور دەستەك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئولىۋىيا خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇنداق بىر تارىخىي قارارنى ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە «خىتايدەك قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنى قوللاش ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق» دېگەن ئۇچۇرنى يوللايدىكەن.

«ئەمدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھەققىدىكى بۇ قارارى ئېلىنغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارار ئەتراپىغا توپلىنىشى ۋە تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرىشى باشلىنىدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. يەنە كېلىپ يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتمۇ مۇشۇ خىلدىكى دۇنياۋىي ئىتتىپاقنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان كورىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قەبىھ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش، بۇنىڭ سورىقىنى قىلىش ھەمدە ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا قوللىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم بۇ قارار ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ھەمدە ئۇنىڭغا ماس ئىنكاسلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەل ئاشۇ خىل خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىگە، شۇنىڭدەك سودا ساھەسىنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىق مۇھىتىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن مۇئامىلىدە بولۇشىنى چەكلەشتە چوڭ رول ئوينايدۇ. قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش شۈبھىسىزكى تېخىمۇ كۆپلىگەن شىركەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن سودا ۋە دىپلوماتىك ئالاقىدا بولۇشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىۋاستە يەتكۈزىدۇ.»

ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى ئېلان قىلغاننىڭ ئەتىسىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ كونا ئادىتى بويىچە «بۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت. غەرپتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزگە چاپلىغان بۆھتانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە باشقا ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنى تولىمۇ پەسكەش ئۇسۇلدا قارىلىدى. ئەمما ئولىۋىيانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەخمەقلەرچە ئۇسۇلى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ئالدىيالمايدىكەن.

«بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىچە ‹ئەقىللىق بولۇپ كەتكىنى› دىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى بىز شۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق. ئادريان زېنز ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەلۇماتلار ئاساسىدا ئېلان قىلغان تەپسىلىي دوكلاتتا ناھايىتى ئادىل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 80-90 پىرسەنتىنى تۇغماس قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى تۇغۇت نىسبىتىنى بىراقلا تۆۋەنلىتىۋەتكىنى تولۇق كۆرسىتىلگەن. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەندە خىتاي كومپارتىيەسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەيدىغان مەخسۇس سىياسەتنى ئىجرا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىنى كۆپىيىشتىن توسۇپ قالدى، دېگەن گەپ. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ ھازىر ھەممىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى دەل شۇلارنىڭ ئۆزى جاۋابكار بولىدىغان ئاشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدۇر.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ‍ئىزچىل ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئەنگليە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىملاپ خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئاھاڭدا سۆز قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغاندا بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر مەۋقەنى ئىپادىلىدى. شۇ كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇشنى مەنئىي قىلىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلغاندا پارلامېنت ئەزالىرى بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەردى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىپ كەتكەن بۇ قىلمىش ھەققىدە سۆز بولغاندا ئولىۋىيا خانىم: «مۇشۇنىڭ ئۆزى بىز قىلىدىغان ئىشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ،» دەيدۇ.

«ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينى سوراققا تارتىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۆز نۆۋىتىدە بايدىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىش ھەمدە قىرغىنچىلىققا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭدەك بىز ‹بىرنى-بىر› دەۋاتقان ۋاقتىمىزدا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئامېرىكانى قوللاش ھەققىدە بېسىم قىلىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشى لازىملىقىنى، ئەنگلىيەنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش ‹بىرنى-بىر› دېيىشى ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتە خېلى كۆپ تىرىشىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن باراۋەر يوسۇندا تەكىتلەش ئەمەلىيەتتە زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ جەھەتتە ياۋروپادىكى دىپلوماتىيە خىزمىتىدە بىز قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. يەنە بىر ياقتىن ئېنىقكى، بۇ قارار ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنى بەكمۇ مەيۈسلەندۈرىدۇ.»

كىشىنى خوشاللاندۇرىدىغىنى، جوۋ بايدىن باشچىلىقىدىكى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىنكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىق ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىكەن. شۇڭا يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ساھەدە بەزى ئىجابىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولىدىكەن.

«سايلام باشلانغاندىن بۇيانقى پائالىيەتلەر جەريانىدا بايدىن ئەپەندىمنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇنىڭ شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاشنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىرنەچچە قېتىم مۇشۇ ئىبارىنى قوللانغان. ئەمدى ئامېرىكا يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئەپەندىممۇ دەل مۇشۇنداق سۆزنى ئاشكارا يوسۇندا تەكىتلىدى. بۇنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىدە مۇشۇ يۆنۈلۈشنى بويلاپ بەزى يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداش ھەققىدە يېڭى قارارلار ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىىشش مەسىلىسى ھەققىدە قارار ئېلىنىشى مۇمكىن. مەن يەنە بىر نۇقتىنى قوشۇپ قويۇش لازىم دەپ قارايمەن. ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش بىر شەرەپ، ئەمما ئۇ بىرەر دۆلەتنىڭ ھوقۇقى ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشى لازىم. چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتنى چەكلەشتىكى ئەقەللى بىر قەدەم.»

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى ئالغانلىقى سىياسىي ئۇتۇقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى دەپ ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىشى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ قالماقتا ئىكەن.