«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارار بىكار قىلىنامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئە ۋە سىياسىي باستۇرۇشنى ئەستايىدىل باھالاپ «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن ئاخىرقى قارارنى ئېلىشى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور زىلزىلە پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارىتا قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ پاراڭ تېمىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما 27-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىگە مەركەزلەشتى. بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسا يېڭىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىككە كۆرسىتىلگەن ئەلچى نامزاتى لىندا توماس گرىنفيېلدنىڭ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىر بۇ قارارنى يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشى تېزلا ھەممىلا جايغا تارقىدى.

ئەمەلىيەتتە يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى جوۋ بايدىننىڭ سايلام مەزگىلىدىكى نۇتۇقلىرىدىلا بىرنەچچە قېتىم ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «سىياسىي لۈكچەك» دەپ ئاتىغان ھەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىغان بۇنداق بىر رەھبەرگە ‍ئۆزىنىڭ قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەكىتلىگەن ئىدى. جوۋ بايدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ئانتونى بلىنكېن ئەپەندىمۇ ئۆزى تېخى رەسمىي مۇقىملاشمىغان ۋاقىتتىلا مۇخبىرلارنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىغا سىز قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالغا «مەن بولساممۇ مۇشۇنداق قارار ئالغان بولاتتىم» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. 27-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى رەسمىي يوسۇندا مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلدى. ئانتونى بلىنكېن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە «مەن ھېلىھەم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن» دېگەنىدى. ئۇنىڭ لىندا توماس «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى قىلغاندىن بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندە بۇنداق قەتئىي مەۋقەنى ئىپادىلىشى ئەمەلىيەتتە لىندا توماسنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئىنكار قىلىنىپ كەتكەن ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ ئۇنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا قارىتا «ئەرلەرنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش، ئۇلارنى قايتىدىن تەربىيەلەش ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىگە خاس ئىدېئولوگىيەنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ جاۋاب بېرىشى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى تولۇق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتەتتى.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ 29-يانۋارغا كەلگەندە پرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋاننىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تىنچلىق ئىنستىتۇتى» دا نۇتۇق سۆزلەپ «بىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا قىلىۋاتقانلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىتىشىمىز لازىم» دېيىشى بىلەن بۇ تېما يەنە بىر قېتىم ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدىن كەڭ يەر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالغان قارارنىڭ ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەكس ئېتىشى بولۇپ قالدى.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى «خىتاي مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىتىپاقداشلىرى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن جۈملىلەرنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىشى، ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سودا ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا جەزملەشتۈرۈلىشى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لىندا توماسنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارار قايتىدىن قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىنلا 28-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ ئاغزىدىن بايانات بەردى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مەن ئۈچ قېتىم تەكرارلايمەن: بىزدە ھېچقانداق قىرغىنچىلىق ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس. بىز بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتكە يۈزلىنىپ، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاغزىدىن قانداق گەپلەر چىقىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ھالبۇكى، لىندا توماسنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىدا بەزى كەمتۈكلۈكلەرگە يول قويۇلغان» دېگەن پىكرىگە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى سابىق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى «خەلقئارا ئاياللار مەسىلىسى باش ئەلچىسى» بولۇپ ئىشلەۋاتقان كېللىي كۇررىي خانىم كەسكىن رەددىيە بەرگەن. «دۆلەتلىك باھا» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۇررىي خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىدا بارلىق خىزمەت ھالقىلىرىغا تولۇق رىئايە قىلىندى. بۇنىڭدا كەمتۈكلۈك بار، دېگۈچىلەر بىر بولسا بۇنىڭدىن بىخەۋەر، بىر بولسا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ، خالاس» دېگەن. ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ئاللىقاچان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشى توغرىسىدا ئۆز مەۋقەسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «بايدىن ئەپەندى ئۆتكەن يىلىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغان، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ› دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى شۇنچە كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارى بىر يەردىن چىقىۋاتقاندا بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىلىشى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا بەزىلەر «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارى يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى قىسمەن شەخسلەرنى بىئارام قىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا ئىكەن. نيو-يورك شەھىرىدىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دوكتۇر شان لىن ئەنە شۇ خىل قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرى.

دوكتۇر شان لىننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بولغۇسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېخى رەسمىي ھالدا ۋەزىپىگە ئولتۇرماستىنلا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمدىلىكتە ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولغان بىر زات ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈۋاتقان بىر مەسىلە توغرىسىدا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر خادىمنىڭ «بۇ ھەقتە قايتا قارار ئېلىنىشى مۇمكىن» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىشى شۈبھىسىزكى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارغا قوشۇلمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ» دېگەندەك، بۇنداق بىر ھالقىلىق مەزگىلدە بۇ پىكىرنىڭ ئاشكارا تىلغا ئېلىنىشى بەزىلەرنىڭ بۇ قارارنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنىڭ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدىكەن. شان لىن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ.

«بىز بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بىر مەسىلە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇش-بولماسلىقىدۇر. چۈنكى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات لىندا توماس گرىنفيېلد ئۆزى ھەققىدىكى يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنى قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىزىقارلىق يېرى بۇ گەپنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەپەندى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۈزلىگەن ئەلچىلەرنىڭ بىرى بولغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشى بەكمۇ غەلىتە بىر ئىش. مەسىلە شۇكى، ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› ھەققىدىكى قارار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرگە ياقمىغان. ئەمما ئانتونى بىلىنكېن ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بولدى. بەلكىم سىزمۇ دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. گۇۋاھلىق يىغىنىدا لىندا خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى خىتايپەرەستلىكى ئۈچۈن تەنقىدكە كۆمۈلۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹ئافرىقىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ› دەپ ماختاپ كەلگەن بىر ئايال. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نامىدا ئافرىقىدا ‹قەرز دېپلوماتىيەسى›نى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەمدە بايلىق قىدىرىش ئۈچۈن ئافرىقىنىڭ مۇھىتىنى قايسى دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى ئاللىقاچان يۈزلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەتنى ماختاپ ھارمىغان بىر ئايالنىڭ ئەمدىلىكتە ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارار يېڭىۋاشتىن قاراپ چىقىلىدۇ› دېگەن گەپنى پوسۇققىدە دەپ سېلىشى بەكمۇ غەلىتە بىر ئىش.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كونا ئۇسۇلىدا يەنە بىر قېتىم «ئىنتىقام» ئالغان. «نيو-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئانتونىي بىلىنكېننىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى خىزمەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى تەكلىپى رەت قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ «بىز بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشنى خالايمىز. ئەمما باشقىلار بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىۋالسا بىز بۇ خىل ھەمكارلىقنى رەت قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېگەن.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئۆز نۆۋىتىدە غەرب دۇنياسىدىمۇ زور ئەكس تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. 28-يانۋار كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى باش مىنىستىر ترۇدۇ ئەپەندىدىن «سىز نېمە ئۈچۈن پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار نىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ھەمدە ئاشكارا تەن ئالمايسىز؟» دەپ سورىدى. باش مىنىستىر ترۇدۇ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە پات يېقىندا تېگىشلىك باسقۇچلار ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى ‍ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ ھەقتە يېڭى بىر قارارنىڭ ئېلىنىشى ياكى ئىلگىرىكى قارارنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق، دەپ قارالماقتىكەن.