ئېلىشا ۋېيسېل: «دادام ئېلى ۋېيسېلنى ئەسلىگىنىمدە بۇ ئولىمپىكقا بولغان نومۇسۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ»

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى ۋە شۇنىڭغا ماس تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈچەيمەكتە. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە نائىل قىلىنىشى بۇ چاقىرىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مۇسابىقە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى، يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەنلەرنى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ «ئەسلا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىگە ئىشەنگەنلەرنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان.

2016-يىلى ۋاپات بولغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، داڭلىق يازغۇچى ۋە ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغۇچى ئېلى ۋېيسېل(Elie Wiesel) نىڭ ئوغلى ئېلىشا ۋېيسېل (Elisha Wiesel) بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مانا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇ «يەھۇدىي تېلېگراف ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلغان ماقالىسدا خىتاي ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن 4-فېۋرال جۈمە كۈنى ھەققىدە توختىلىپ «جۈمە كۈنى مېنىڭ دۇنيارىم قاراڭغۇلاشتى. مەن خۇددى ئۆزۈمنى يېڭىدىن يارىلانغاندەك، دادام ئېلى ۋېيسېلنى قايتىدىن يوقىتىپ قويغاندەك ھېس قىلدىم. . . جۈمە كۈنى مەن يوقىتىشىمنىڭ، يوقىتىشىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىغىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئۇ كۈنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ، مىليونلىغان كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ماسلىشىۋاتاتتى. دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ساھىبخانا دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنچلىق ۋە دوستلۇقنىڭ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك ياكى بىلسىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك قىلاتتى» دەپ يازغان.

ئۇ «دادام ئېلى ۋېسېلنى ئەسلىگىنىمدە بۇ ئولىمپىكقا بولغان نومۇسۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ» ماۋزۇلۇق كۆز قاراش ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارغا مىللەت سۈپىتىدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلغان بۇ ئولىمپىكنى 1936-يىلدىكى ناتسىست ئولىمپىكىگە ئوخشىتىش بىلەن بىرگە، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغاندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان دادىسى ئېلى ۋېيسېلنىڭ دارفور، بوسنىيە، كامبودژا، رىۋاندادىكى ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەمما ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ۋاپاتىدىن بەش يىل كېيىن ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئۆزگەرتىشكە يەتمىگەنلىكىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدە ئولىمپىكنى قوللىغۇچى خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەربىر كىشىنىڭ شىركەت لىدېرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋەزىپىسى بارلىقىنى، گەرچە بىر قىسىم شىركەت ۋە ئورگانلار مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ھەق تەرەپتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنداقلارنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ ئاخىرلاشتۇرغان:

«مەن خىتاينىڭ دۆلەت قوللىغان كاپىتالىزىمىنىڭ ئاچكۆزلۈكتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ بىزنى جىمىقتۇرۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. دادام زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن سۆزلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايتتى. ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان مەن يېتەرلىك ئىش قىلالىدىممۇ؟. . . ئەگەر بىز ياردەم قىلىشنىڭ يولىى تاپالمىغان بولساق ئۇ ھالدا نومۇس قىل، نومۇس قىلايلى!»

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچى خەلقئارالىق شىركەتلىرى بولغان-Airbnb، ئالىي بابا، ئاللىيانز، ئاتوس، برىگېستون، كوكاكولا، ئىنتىل، ئومېگا، پاناسونىك، P&G، سامسۇڭ، تويوتا ۋە ۋىزا قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلار 200 دىن ئوشۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە كەڭ جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە قارىماي قوللىغۇچىلىقتىن چېكىنمىگەنىدى. خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەت بەدىلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش دىكتاتور، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرى بولۇشى ھەتتا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئالىدىغان جىنايەت شېرىكلىرىگە ئايلىنىشى بولسا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئامېرىكادىكى كور ئانالىتىك تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئاندېرس كور بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خەلقئارالىق شىركەتلەرنى بۇنىڭدىن چەكلەشنىڭ بىردىن-بىر يولى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز ھۆكۈمەت» دەپ ئېلان قىلىش، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭ بىردىن بىر يولى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا نورمال ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشتۇر. ئۇنىڭ قانۇنلۇق سايلىنىپ چىقىلغان ۋە شۇنداقلا قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇش كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز ھۆكۈمەت دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق مۇئامىلىنى قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلغاندىلا ئاندىن بۇنداق شىركەتلەرنى چەكلىگىلى، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىزلىقلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشىنى توسقىلى بولىدۇ»

ئولىمپىك مەزگىلىدە ھەرقايسى ئاخباراتلاردا ئولىمپىكنى قوللىغۇچى شىركەتلەرگە قارىتىلغان تەنقىدلەرمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيگەن بولۇپ، CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تونۇلغان پروگرامما رىياسەتچىسى جەيك تەپپېر ئۆزىنىڭ پروگراممىسىدا بۇ شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قويۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ: «ئامېرىكادا ئىجتىمائىي ئادالەت توغرىسىدا توختىماي سۆزلەيدىغان بۇ شىركەت-گۇرۇھلار خىتايغا كەلگەندە ئاغزىنى ئۆزلۈكىدىن ئېتىۋالىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى خىتاينىڭ پۇلىنى دەپ كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ. بۇ تولىمۇ يىرگىنچلىك.» دەپ تەنقىدلىدى.