بورىس جونسون ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىنى كونترول قىلغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.02.10
بورىس جونسون ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىنى كونترول قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
AFP

9-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلماقچى بولغان «سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇش شەكلى ئۆزگەرتىلگەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن بۇ لايىھەنى باشقا تونۇلمىغان بىر لايھە بىلەن بىرلىكتە ئاۋازغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، «سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» نىڭ پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن دەپ قارىغان.

«بىلۇمبېرگ» گېزىتى، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى، رويتىرىس ئاگېنتلىقى، BBC ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەۋەر قاناللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، ئەنگلىيە پارلامېنىتىدا يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋالنى «سىياسى ساختىپەزلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئىنكار قىلغانلىق» دەپ يازغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ لايىھەنىڭ يۇقىرى ئاۋام پالاتاسىدىن كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۆتكەنلىكىنى، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئاۋازغا قويۇلغان بولسا تۆۋەن پالاتادىنمۇ ئۆتۈش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ لايىھەنىڭ پارلامېنتتا ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مۇشۇنداق بىر تەدبىر قوللانغان ئىكەن.

پارلامېنتتا بىر تۈركۈم كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ تاكتىكىسىنى تەنقىد قىلغان. ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغان كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرىدىن نۇسرەت غېنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەك مۇشۇنداق ئېغىر مەسىلىلەردە پارلامېنتتا ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلاردىن چۆچۈگەنلىكىنى ئېيتقان.

IPAC نىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى ئىيان دانكىن سىمىس ئەپەندىمۇ «ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت تەرتىپىنى باھانە قىلىپ دېموكراتىك سايلانغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ ‹سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى› گە ئاۋاز بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئەنگىليەدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات مايكىل پولاك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنىتىدا يۈز بەرگەن يۇقىرىقى ئەھۋال ھەققىدە مۇنداق دېدى: «پارلامېنتتا يۈز بەرگەن ئەھۋال شۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى ھۆكۈمەت تەرەپ بۇرۇن ئۆزلىرى ئېيتقان ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەدلىيە ھۆكۈم قىلىدىغان مەسىلە، پارلامېنتنىڭ ئىشى ئەمەس› دېگەن گېپىنىڭ ئەكسىچە، ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق قارارى پارلامېنتتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈش كېرەك› دېگەن تەرتىپنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى› نى ئەدلىيەنىڭ بېرىشى توغرا ئىدى. چۈنكى ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› گە ئاساسەن قانۇنىي جەھەتتىن ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› دەپ قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› نى توختىتىش ۋە قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغانلارنى جازالاش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بۈگۈن تۆۋەن ئاۋام پالاتاسىغا قويۇلىدىغان بۇ لايىھەگە قارىتا ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتتە ھىيلىگەرلىك قىلدى.»

ئەنگلىيە سودا مىنىستىرى گرېگ خاندس مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر كومىتېت ئەنگلىيە سودا كېلىشىمى كېڭىشىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ‹ئىشەنچلىك دوكلات› بىلەن تەمىنلىسە، ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرى ھەققىدە خەلق ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، 8-فېۋرال ئەنگليەدىكى ئېسسېكىس سوت مەھكىمىسى ( Essex Court Chambers) نىڭ نوپۇزلۇق ئادۋوكاتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇنىي ئىسپاتلارنى ئېلان قىلغانىكەن.

9-فېۋرال كۈنىدىكى پارلامېنت يىغىنىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگىلىيە سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلولىرىنى قاراپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداق بولغاندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسى تەرەپسىز ھالدا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىدۇ، دەپ قاراشقان. ھەتتا بىر قىسىم يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا قارشى ئاۋاز بېرىشكە تەييارلانغان.

مايكىل پولاك ئەپەندى «سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» نى تەييارلىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كېلەركى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە مەزكۇر لايىھەنى قايتا پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى مەسىلە ئەمدى ‹پارلامېنت تىك-تاك توپى› ئويناش، يەنى قايتىدىن مەزكۇر لايىھەنى يۇقىرى ئاۋام پالاتاسىغا سۇنىمىز. يۇقىرى ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئەزالار بۇ لايىھەنى قوللايدۇ. قوللىغانلار ئارىسىدا سابىق سوتچى ۋە ھەرخىل پارتىيەلەرنىڭ نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزالىرى بار. ئۇنىڭدىن كېيىن كېلەركى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تۆۋەن ئاۋام پالاتاسىغا قايتا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىمىز. بىز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ۋىجدانى بىلەن ئاۋاز بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ماقۇللۇقتىن ئۆتسە ‹سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى› نىڭ رەسمىي قانۇن بولۇشى ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ. شۇڭا ھەممىمىز بەك ھاياجانلىنىۋاتىمىز. ھۆكۈمەت داۋاملىق قارشى تۇرالمايدۇ، چۈنكى پارلامېنتتا ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا قارشى ئاۋاز بېرىشكە تەييار تۇرغان ناھايىتى كۆپ قورقماس كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى بار. ئەلۋەتتە، كەسپىي ئىستىقبالىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىش ناھايىتى قىيىن. لېكىن بىز يەنىلا ناھايىتى ئۈمىدۋار.»

رەھىمە مەھمۇت خانىم ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەنگلىيەدە ئاڭلىتىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ پەقەت «سودا قانۇنىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» لا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ يەنە «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش پىلانى بار ئىكەن.

مايكىل پولاك ئەپەندى ئاخىرىدا مەزكۇر لايىھەنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىگە ياردەمدە بولۇشىنى خالايدىغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىلالايدىغىنى تىۋىتتېردا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى» خەشتەگى (#GenocideAmendment) نى ئىزدەپ، ئاشۇ خەشتەگ بىلەن ھەمبەھىرلەنگەن مەزمۇنلارنى كەڭ تارقاتسۇن. مەن يەنە مەزكۇر لايىھەنى قوللاشقا چاقىرىق قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقا ۋىدېيولىرنى يىغىۋاتىمەن. ئەگەر سىزمۇ قوللاشنى خالىسىڭىز ‹نېمىشقا مۇشۇنداق قانۇنىي بىر قارارنىڭ چىقىشى، بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ مۇھىملىقى› ھەققىدە قىسقا ۋىدېيو ئىشلەپ ئەۋەتسىڭىز، بۇلارنى كەڭ تارقىتىشىمۇ مەزكۇر لايىھەنىڭ قوللاشقا ئىرىشىىشگە پايدىلىق. باش مىنىستىر بورىس جونسون دائىم ئەنگىلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن يېپ-يېڭى بىر ئەنگلىيە بولدى، دەيدۇ. ئەسلىدە ھەقىقىي يېڭى ئەنگلىيە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھېچكىمنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمايدىغان بولۇشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.