«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بايان قىلىنغان «كۆك كۆز يېشى» ناملىق رومان يورۇق كۆردى

0:00 / 0:00

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرك يازغۇچىلار ئۆزلىرى تۈرك تىلىدا يازغان رومانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانىدى. بۇ رومانلارنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركىيە بىلەن قوشنا دۆلەتلەردىمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رومانلار نەشر قىلىنىشقا باشلاندى. ئەنە شۇنداق رومانلارنىڭ بىرى گىرېتسىيەلىك تۈرك يازغۇچى ۋىلدان سەردار خانىم يازغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بايان قىلىنغان «تۇركۇئاز گۆزياشى»، يەنى «كۆك كۆز يېشى» ناملىق روماندۇر.

261 بەتلىك مەزكۇر روماننى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى «ھ» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ كۆك رەڭلىك مۇقاۋىسىغا كۆزى ياشقا تولغان ئۇيغۇر بالىنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

مەزكۇر روماننىڭ ئاپتورى ۋىلدان سەردار خانىم كىتابنىڭ ئاخىرىدا روماننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئايال بولۇش بەك قېيىن. ئەگەر خىتايدا بولسا، ئەگەر ئۇيغۇر بولۇپ مەۋجۇدىيىتىڭىزنى قوغداپ قالىمەن دېسىڭىز، دۇنيادا تونۇلغان ئىلىم ئادىمى بولسىڭىزمۇ، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچى بولسىڭىزمۇ، ئۇ يەردە ئۇلار دۇچار تبولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى سۆز بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا خۇدا بىلەن سىز بىلىسىز. روماندىكى باش پېرسوناژ دولۇناي سۇنگۇر بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ قەلبى بىر تەرەپتىن ئىشق ئوتىدا كۆيسە يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن ئىشقىنىڭ ئوتىدا كۆيمەكتە. روماندا دولۇناي سۇنگۇرنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببىتىگە بولغان ئىشقى بىلەن، ۋەتەن ئىشقى تەسۋىرلەنگەن».

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ۋىلدان سەردار خانىم «تۇركۇئاز گۆزيېشى» ناملىق روماننى يېزىش پىكرىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تىراكيە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلار بۈگۈن تارتىۋاتقاندەك ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالمىغان بولساقمۇ، لېكىن بىزمۇ گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زۇلۇمىغا ئۇچرىدۇق. مەن تۈرك بولغاچقا كەمسىتىشكە ئۇچرىدىم. شۇڭا مەن كىچىك ۋاقتىمدىلا كاللامدا ‹مەن تۈرك بولغاچقا نېمە ئۈچۈن كەمسىتىشكە ئۇچرايمەن؟› دېگەن سوئال پەيدا بولدى. بىزمۇ گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغاچقا، باشقا دۆلەتلەردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ قىزىقىشقا باشلىدىم. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقاتتىم. لېكىن 2017-يىلى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيەگە بېرىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ روماننى يېزىشقا قارار بەردىم. 4 يىل كېچە-كۈندۈز تىرىشىپ بۇ روماننى يېزىپ نەشر قىلدۇردۇم».

تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزيە ئىدارىسى مۇخبىرى، ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقىرىي ئەپەندى روماننى ئوقۇغانلىقىنى، مەزمۇن ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ياخشى رومان بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش جەھەتتىن زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقىرى ئەپەندى بۇ روماننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار باشتا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئۇيغۇرچە رومانلاردىن «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان»، «مەخمۇت قەشقىرى»، «ئىدىقۇت» قاتارلىقلار تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، تۈرك يازغۇچىلار تەرىپىدىن «جىمجىت كۆچۈش»، «ئوسمان باتۇر» ۋە «يولدا قالغانلار» قاتارلىق تارىخىي رومانلارمۇ يېزىلدى.