ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئاقىللار ئامبىرى - ئامېرىكا ئېنتېرپرايز ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسلىرى ئوبزور ئېلان قىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىرىدى.
«خەۋەر ھەپتىلىكى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرغا قارشى يۈرگۈزگەن ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش، ياكى ئۇنى ئىنكار قىلىش مەسىلىسىدە گاڭگىراپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئوبزوردا، ئەگەر جوۋ بايدېن خىتايغا «قاتتىق مۇئامىلە قىلىش» ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى «ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يادروسى» قىلىش قاتارلىق ئىلگىرىكى ۋەدىلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەھشەتلىك سىياسەتلىرى ئۈستىدىن چىقارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى» نى ئىنكار قىلسا، بۇنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 19-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئوبزورىدا كۆرسىتىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىغا تەشكىلاتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن پىكىر ئېلىنغان.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش توغرا ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بېيجىڭ ئاممىۋى ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلىشىشىگە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەتتا قاتمۇ-قات چەكلىمە ئاستىدىكى خىتاي ئاممىسىدىمۇ شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى كۆرۈلمەكتە.»
ئوبزوردا يەنە، ئەگەر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىنىدىغان بولسا، بۇنىڭ گېرمانىيەدەك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى تەسلەشتۈرىدىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئورگانلاردا ھوقۇق ئىگىلەش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئوبزور ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: «بايدېن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا ھەر خىل تاللاشلارغا ئىگە. ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ۋاز كېچىش ئۇلارنىڭ بىرى ئەمەس.»