خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى داۋاملىق تۈردە ھەقىقەتنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شىۋېيتسارىيەدىكى زۇرىك (Zurich) ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سانكت گاللەن (St. Gallen) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سودا پىروفېسسورى، ئادۋوكات پاۋلو بېرناسكونىي (Paolo Bernasconi) ئەپەندى 24-فېۋرال كۈنى «خىتايغا كەسكىن نەزەر» ناملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن تىچىنو تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭدەك شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا جامائىتىنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئالاھىدە چاقىرىق قىلدى.
پاۋلو بېرناسكونىي ئەپەندى تىچىنو تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشىدا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى، خاماس-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتە دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتى مۇشۇ نۇقتىلارغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئىنس-جىنغا تۇيدۇرماستىن مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، ئەسلىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پاۋلو بېرناسكونىي ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆتكەن ھەپتە لۇگانودا ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەپتىلىك «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى ھېس قىلدۇقكى، يىللاردىن بېرى لۇگانولۇقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇ يەردىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچبىر چۈشەنچىسى يوق ئىكەن. بۇ قېتىم ئاشۇ جايدىكى ھەر بىر رەسىم، ھەر بىر بىر ئىنساننىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئەتراپلىق تەييارلانغان تەرجىمىھاللىرى ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا ئىنسانىيەت دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ كىرىزىس ۋە قىرغىنچىلىق ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلدى. بىزمۇ ‹بۇ يەردىكى ئىنسانلار بۇ ئىشلارنى بىلسۇن، كۆرسۇن ۋە ھېس قىلسۇن› دېگەننى كۈتكەن ئىدۇق.»

ئۇ رادىيومىزنىڭ «سىز بىر خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قانداق قارايسىز؟ شىۋېتسارىيە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتا قانداق ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى.
«بىز 2013-يىلى شىۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قارشى جىق تەشۋىقاتلارنى قىلدۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى شىۋېتسارىيەگە ئون يىل بۇرۇن يېتىپ كەلگەن. ئەمما بۈگۈن بىز بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئاستىغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى، شۇنداقلا زامانىۋى قۇللۇق بەدىلىگە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. بۈگۈنگە كەلگەندە شىۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى شىۋېتسارىيەدەك بىر كىچىك دۆلەتنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى، دەپ ئويلايمەن.»

بۇ قېتىمقى «خىتايغا كەسكىن نەزەر» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن سېلىنا موررېل خانىممۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«لوگانو شەھىرى خىتاي بىلەن ئەڭ كۆپ ئورتاقلىقى بولغان بىر شەھەر، بولۇپمۇ لۇگانودىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، مەكتەپلەر ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي ساھەلەر شۇنداق. بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمۇ لۇگانولۇقلارغا خىتاينىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى، جۈملىدىن شىۋېتسارىيە ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداشقا چاقىرىش بولدى.»
سېلىنا خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە شىۋېتسارىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىدىن خەۋىرىمىز بار. خىتاي يەنە شىۋېيتسارىيەدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ۋە يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەمما خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرى شىۋېتسارىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىمىدى. ئىشەنچىمىز كامىلكى، كەلگۈسىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىق تېما بولىدىغانلىقى ئېنىق.»
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ياۋروپا خەلقىگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تېخىمۇ جانلىق چۈشەنچە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۆپلەپ ھەمبەھىرلەندى.