ئامىد خان: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن جىددىي بىر سىناق»

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ CNN تېلېۋىزىيەسى تور بېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە بىر پارچە ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىنى ئامېرىكادا بىر قانچە مۇھىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ياردەم ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، 1992-ۋە 1996-يىللىرى بىل كىلىنتوننىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سايلام پائالىيىەتلىرىنىڭ رەھبىرى بولغان ۋە شۇنداقلا خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئامىد خان يازغان. ئۇ ماقالىسدە ئالدى بىلەن يېقىندا BBC ۋە CNN قاتارلىق تېلېۋىزىيەلەردە لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان قورقۇنچلۇق رېياللىقلارنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن جىددىي سىناق. ئامېرىكا ۋە دۇنيا جىددىي ھالدا تەنقىدلەش باسقۇچىدىن ھالقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز قىممەت قاراشلىرىمىزنى، ئۇنىۋېرسال ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى شۇنداق تەسۋىرلەش ئىنتايىن مۇۋاپىق. ب د ت نىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنى ئېنىق قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك قىرغىن ئارقىلىق مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ دەرھال يوقىتىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى، بەلكى ئۇنىڭ شۇنداق مەقسەت ۋە نىشان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇشىنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئادۋوكاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇقۇم ئىختىلاپى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.»

ئاپتور ماقالىسىدە پرېزىدېنت بايدېن ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تونىي بىللىنكېننىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، دۇنيا مىقياسىدا جىنسنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىقنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقى كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، بىراق «زۆرۈر بولغىنى، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈزىدىن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ۋە بۇ زۇلۇمنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان بىر كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەدۇر» دېگەن. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئاپتورنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەدبىر قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامىد خان بايدىن ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن:

«ئامېرىكىنىڭ ئېنىق ۋە ئىزچىل پوزىتسىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى› ۋە ‹تاموژنا بېجى قانۇنى› نىڭ 307-ماددىسىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ قانۇنلار كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق تەرەپلەرنى جازالايدۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرگەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ ۋە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ تولۇق ھەرىكەتكە ئۆتۈشى دېگىنىمىز-بۇ پەقەت ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مەسئۇل دېپلوماتلىرىنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، دېگەنلىكتۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. ئۇ سودا، تېخنىكا، تېرورلۇق، كېلىمات ۋە دۇنيا ساغلاملىقى توغرىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. بېيجىڭ شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، بۇ بىر چەتكە قايرىپ قويغىلى بولىدىغان ئەندىشە ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەر بىر ئالاقىنىڭ ئالدىنقى ۋە مەركىزى نوقتىسى بولۇشى كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئالىقاچان ئاقساراينىڭ جىنس سىياسىتى كېڭىشىنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ب د ت ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كۈنتەرتىپىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە جىنسىي زوراۋانلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ئامېرىكا دېپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. ئاپتور ماقالىسىدا بايدېننىڭ جىنسىي زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسلىرىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «CNN ۋە BBC قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان جىنسىي زوراۋانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەگەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى پىلانى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، ئۇ ھالدا ئۇ بىر بىھۇدە ئىش بولۇپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنسىي زوراۋانلىقى ھەرقانداق سورۇندا قاتتىق تەنقىدلىنىشى كېرەك.»

ئامىد خان جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىنى ئامېرىكانىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قايتىدىن ئويلىشىش، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆتمۈشتە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئۆزىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئوخشاش خاتالىقنىڭ قايتىلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاقساراي يېقىندا بۇ توغرىلىق سوئال سورالغاندا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدىكى رەھبەرلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى ھالقىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەك، بولۇپمۇ مۇسۇلمان رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتلەر بىلەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈتى ھەقىقەتەنمۇ بىر نومۇسسىزلىق بولدى. ئولىمپىكنى بويقۇت قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىمىز كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق بىر ئاۋاز بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىشنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى كېرەك.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بايدېن خىتاي بىلەن بولغان باشقا مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بېسىمنى پەسەيتمەسلىكى كېرەك. . . كېلىمات ئۆزگىرىشى ئېنىقلا مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. پرېزىدېنتنىڭ كېلىماتقا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېررى يېقىندا ئامېرىكا خىتاي بىلەن كېلىمات مەسىلىسىدە كېلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ باشقا مەنپەئەتلىرىنى سېتىۋەتمەسلىكى كېرەك، دەپ ئىنايىن توغرا گەپ قىلدى. بىز بىر نىشاننى يەنە بىر نىشان ئۈچۈن قۇربان قىلماسلىقىمىز، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئازابىغا چېتىشلىق نىشانلارنى ھەرگىز قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك.»

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە كېلىمات مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە خەلقئارانى ئالداپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ نۆۋەتمۇ ئۇنىڭ ئوخشاش تاكتىكىنى قوللىنىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئامىد خان CNN تېلېۋىزىيەسى تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى ئاخىرىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن: «مەن رىۋاندا، بوسنىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار بىلەن بىللە ئىشلىدىم. مەن دۇنيانىڭ بۇ دەھشەتلەردىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى كۆردۈم، جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال ئۆزگىرىشى كېرەك. بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇ چوقۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە دۇنياغا سىگنال بېرىشى كېرەك.»

جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدىغان چاقىرىقلار كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.