تېڭ بياۋ: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى» مىللەتلەرنى ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتىدۇر

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-مارت كۈنىدىكى خىتايچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-مارتتىن باشلاپ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 148 تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 148 تەكلىپ لايىھەسى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلىدىغان سىياسەتلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇلار «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى»، «جۇڭخۇا بىرلىكى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى»، «يېزا-كەنتلەرنى كۈچەيتىش»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش»، «داۋالاش، سەھىيە»، «مەدەنىيەت-مائارىپ» قاتارلىق ساھەلەرگە قەدەر چېتىلىدىكەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى ئادۋوكات تېڭ بياۋ بۇ لايىھەلەر ئىچىدىكى «جوڭخۇا بىرلىكى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» دېگەنلەر «شى جىنپىڭ، يولغا قويۇۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى تىل-مەدەنىيەت، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇپ، ئېرىتىپ يوقىتىش سىياسىتى» دەپ كۆرسەتتى.

تېڭ بياۋ بۇ سىياسەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا شۇنى كۆردۇقكى تىل، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش ئېغىرلاشتى. بۇلار يەرلىك تىلغا بولغان چەكلىمىلەر، دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلاردىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۈچەيگەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ رادىكال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ھازىر بارغانچە ئېغىرلىشىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتتى دېسەك بولىدۇ.»

تېڭ بياۋنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى يىللاردا تەكىتلىنىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقى سىياسىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، «جۇڭخۇا بىرلىكى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇپ، تېزلىكتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۆزگەرگەن. بولۇپمۇ، 2017-يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى مەجبۇرىي يوقىتىش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى چەكلەش سىياسىتى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلانغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مۇستەقىل ئانالىزچى، ئىلگىرى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھەلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشتەك بۇ خىل «مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەلىرىنى، ئۇيغۇر تىللىق قورچاق ئەمەلدارلار ۋە ئاتالمىش خىتايلاشقان ۋەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۇر بەكرىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل تەكلىپ لايىھەلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىن ئالا بەلگىلىگەن سىياسىي بەلگىلىمىلىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىگە سادىق ئاتالمىش ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەكىللەردىن پايدىلىنىدىكەن. ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى: «بولۇپمۇ بۇ ئۇنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشتا ئۆز سىياسىتىنى دەخلىسىز يولغا قويۇش ۋە كېيىنكى جاۋابكارلىقتىن قېچىشىدىكى كونا تاكتىكىلىرى بولۇپ، ئاخىرقى ھىساپتا قۇربانلىق قىلىنىدىغانلار يەنىلا نۇربەكرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار» دەپ تەكىتلىدى.