24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. دېموكراتىك ئەللەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىنى «زامانىۋى تاجاۋۇزچىلىق» قىلمىشى سۈپىتىدە ئەيىبلىدى. خىتايغا ئوخشاش رۇسىيەنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بولسا رۇسىيەنىڭ شېرىكى ھېسابلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، خىتاي بولسا باشتىن-ئاخىرى يەنىلا رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى.
20-مارت كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىن گاڭ CBS نىڭ «مىللەتكە يۈزلىنىش» (Face the Nation) پروگراممىسىغا قاتناشقان بولۇپ، پروگراممىدا رىياسەتچى ئۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى خىتاينىڭ مەيدانى ھەققىدە قاتتىق سوئاللارنى سورىغان. خىتاي باش ئەلچىسى رۇسىيە ھەققىدىكى سوئاللارغا باش-ئاخىرى ماس كەلمىگەن تۇتۇرۇقسىز جاۋابلارنى بەرگەن. رىياسەتچى باش ئەلچىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ناھايىتى كەسكىن سوئال سورىغان.

پروگرامما رىياسەتچىسى براننەن چىن گاڭدىن: «سىز ب د ت نىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك دوكلاتلار بارلىقىنى بىلدۈردى. مۇساپىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى يېقىندا خىتايغا بارىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويامسىلەر؟» دەپ سورىغان.
چىن گاڭ بۇ سوئالغا قارىتا: «مەن بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمەن… ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەيدىغان بىر ئىش يوق» دېگەن. چىن گاڭ يەنە براننەننىڭ: «ئۇنداقتا، سىلەر چەكلىمىسىز زىيارەتكە يول قويامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا: «بىز كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. مەن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، دەپ ئويلايمەن،» دېگەن.
چىن گاڭ رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بېرىشتىن قاچقاندىن كېيىن، رىياسەتچى چىن گاڭنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا پروگراممىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ پروگراممىدىكى ئىپادىسى، خىتاي تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇلار يەنە «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۈچۈن نېمىشقا ئالدىن كېلىشىم ھاسىل قېلىشى كېرەك؟ ئۇ كېلىشىم نېمە ھەققىدىكى كېلىشىم ؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي تەرەپ خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بىسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىزنى ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا يەتكۈزدۇق. ئالىي كومىسسار مېىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشىۋاتىمىز».
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «چىن گاڭنىڭ پروگراممىدىكى جاۋابلىرى، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى».
خىتاي، بەش يىلدىن بۇيانقى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىلىرى، ئامېرىكا ھۆكۇمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز دۆلەت پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلىشى ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» قارارىغا قارىماستىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا سولاش، ئۇلارنى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىش، دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن مېڭە يۇيۇش ۋە باشقا قىيىن-قىستاقلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشكە بارغاندا قانچىلىك دەرىجىدە مۇستەقىل تەكشۈرەلەيدىغانلىقى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن 21-مارت ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىرمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان يولى» ناملىق كۆرگەزمىدە روھىنگا كرىزىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، بىرمىنىڭ 2017-يىلى روھىنگالارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىدى. خىتاي ئىزچىل بىرمىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان زوراۋانلىقلىرىنى قوللاپ كەلگەنىدى.
زۇمرەتئاي خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللىشىنىڭ سەۋەبى خىتايمۇ ئۆزىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرگە موھتاج».
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندىن بېرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ب د ت نىڭ رايوندا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلغانىدى. ئۇلار پەقەت يېقىندىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولۇشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.