خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان، ئەمما يېقىنقى يىللاردا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەل قارىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يەھۇدىي جامائىتىدە مۇھىم تەسىرگە ئىگە «ئېلىي ۋىزەل ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى» ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئاچماقچى بولغان.
بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، يەھۇدىي رابى شىمۇلى يانكلوۋىز (Shmuly Yanklowitz) 2-ئاپرېل كۈنى «ئامېرىكا» ژۇرنىلىدا «بارلىق ئېتىقادچى خەلق خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بارلىق دىن مەنسۇپلىرىنى، بولۇپمۇ يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمان جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ئەۋج ئالغان بۇ دەۋردە دىنىي زاتلارنىڭ دۇنيادىكى قاباھەتلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى، كۈندىلىك خەۋەرلەر، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ، ئەخلاقىي، ۋىجدانىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇداغا ئىشىنىدىغان بەندىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۈندىلىك خەۋەرلەردىن ھالقىپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئەخلاقىي مەسىلىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؛ بىزگە مۇھىم بولغىنى مەسىلىنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرۇش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىشقا تىرىشىش».
ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى، ھەمجىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى دېگەندەك مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشلار تۈگىمەيدۇ. ئەمما خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار ياكى دېموكراتلار، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە پارتىيەسىز زاتلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، يەنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي زىيانكەشلىك، شۇنداقلا بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ ھاقارەتلىنىشى ھەققىدە ھەمپىكىردە بولماقتا».
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى زۇلۇمغا، زالىمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئىسلام دىنىدىلا ئەمەس، بارلىق دىنلاردا تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى ئۇيغۇرلارغا دىنداش بولغان مۇسۇلمانلار باشقا دىن مەنسۇپلىرىغا باققاندا ئەڭ پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ، ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى دىنىي زاتلارنى مۇستەبىتلەر كونترول قىلىۋالغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئەخلاق ياكى كىشىلىك قىممەت قارىشى ئۈستىگە ئەمەس، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە سىياسىي نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ئەھۋال كىشىنى ناھايىتى ئېچىندۇرىدۇ. لېكىن بۇ دېگەنلىك، ئېتىقادچى خەلق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆنۈپ قالىدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مېنىڭ كۆپلىگەن مۇسۇلمان دوستلىرىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىدىن غەزەبلىنىدىغانلىقى، نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم خىتاينى ئەيىبلىدى. ئەمما مەسىلە شۇكى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقى مۇستەبىتلەرنىڭ قولىدا، ئۇلار ئەخلاق، كىشىلىك قىممەت مەسىلىسىگە ئەمەس، ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ».
دوكتور شىمۇلى يانكلوۋىز يەنە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى «يەھۇدىيلار ژۇرنىلى» (Jewish Journal) دا «ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىسىدە ئۇ تەۋراتتىكى ھابىل بىلەن قابىل قىسسەسىنى مىسال ئېلىپ، ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قابىلغا غەزەبلەنگەن پەرۋەردىگارنىڭ: «ئىنىڭنىڭ تۆكۈلگەن قېنى يەر ئاستىدىن ماڭا نالە-پەرياد قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئاندىن «پەرۋەردىگار بەلكىم زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-پەريادىغا قۇلاق سېلىشىمىزنى بۇيرۇيدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق، بىزنىڭ قولىمىزمۇ قانغا بويالغان بولىدۇ» دەپ يازغان.
رابى شىمۇلى يانكلوۋىز «ئامېرىكا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان يازغۇچى ئېلىي ۋىزەل نامىدا قۇرۇلغان «ئېلىي ۋىزەل ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى» نى تىلغا ئېلىپ، «بۇ فوند باشقۇرۇۋاتقان بىر بىرلەشمە يەھۇدىي شىركەت خوجايىنلىرىدىن ئۆزلىرى قىلىۋاتقان سودىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرى ئارىلىشىپ قالمىغانلىقىغا دائىر ئىسپات تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر خىرىستىيان دىنى تەشكىلاتلىرىمۇ مۇشۇنداق قەدەملەرنى ئالسا، ئۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ» دېگەن.
ئاپتور ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىرىستىيان جامائىتىنىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر سىز خىرىستىيان بولسىڭىز، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى توختىتىش خىزمىتىمىزگە ھەمكارلىشىشنى خالىسىڭىز، ‹ئېلىي ۋىزەل ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى› باشقۇرۇۋاتقان بىرلەشمىمىزگە قېتىلىڭ؛ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىڭ. ئەگەر بۇنىڭغا قاتنىشالمىسىڭىز، مەجبۇرىي ئەمگەك قېتىلغان ماركىلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شتات ۋە دۆلەتلەردە تەدبىر قوللىنىشنى، شىركەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا قېتىلىشىنى تەلەپ قىلىڭ. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەش بۇيرۇقى ئاللىقاچان چۈشتى، ئەمما ئۇ تېخى يېتەرلىك ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ، ئىجرائاتنى كۈچەيتىش كېرەك».
ما جۈ ئەپەندى دىنلارنىڭ ئورتاق ھەقىقەت ۋە قىممەت قاراش ئۈستىدە بىرلەشمىگىچە، بىر يەرگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار ئاساسەن دىنلار ئايرىمىچىلىقىنى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى قايرىپ قويغان ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى بولۇۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى ساھەسىدىكىلەر نېمىشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كېلىپ ھەرىكەت قىلمايدۇ دېگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىغا باققاندا كۆپ. بۇ بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان بىر مەسىلە».
ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دىنىي ساھەدىكى ئۆلىمالار ۋە تەشكىلاتلار ئەگەر ئاللانىڭ بەندىسى بولغان ئىنساننىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە بىرلىككە كېلەلىسە، ئېتىقادچى خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
رابى شىمۇلى يانكلوۋىز بۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە دىنىي زاتلار بۇ مەسىلىسىدە يېتەكچى رول ئوينايدىغان شەخسلەر ئەمەس. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش، ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەرۋەردىگار بىزنى ياخشىلىق ئۈچۈن ياراتقان».