ئامېرىكادىكى قانۇنشۇناسلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.05.10
ئامېرىكادىكى قانۇنشۇناسلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىقتىسادىي جىنايەت، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت، خەلقئارا تەرتىپ ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سەھنىدە سۆزلىگۈچىلەر. 2022-يىلى 8-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
brookings.edu

يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىقتىسادىي جىنايەت، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت، خەلقئارا تەرتىپ ھەققىدە تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىننىڭ باشلىنىشىدا، ئامېرىكادىكى بروكىڭ ئىنستىتۇتى (Brooking Institution) ئامېرىكا-ياۋروپا تەتقىقات مەركىزى گېرمانىيە ۋە ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر تەتقىقاتچىسى كونستانزى ستېلزېنمۇلېر (Constanze Stelzenmuller) ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بىر ئادۋوكات ھەم مۇخبىر ئىكەنلىكىنى، 1994-يىلدىكى رۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، 1998-يىل گوللاندىيەدىكى خاگا خەلقئارا سوتىدا يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سوتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بايان قىلغان، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدە گېرمانىيەدىكى ئۇرۇشتىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنمۇ ئۇكرائىنادا قانلىق ئۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، تارىخىي پاجىئەلەرنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرنىڭ ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە قاتتىق تەسىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

گەرچە بۇ يىغىندا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

لوندون ئۇنىۋېرستىتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى، خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ زىيارەتچى مۇتەخەسىسى فىلىپ سەندىس (Philippe Sands) ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بېرىپ مۇنداق دېگەن:

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن شۇ قاتىللارنىڭ غەرىزى ۋە قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ قەبىھلىكى سوتچىلارنى قايىل قىلالايدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن قاتىللارنىڭ ئاساسلىق غەرىزىگە قاراش كېرەك، يەنى ئۇ قاتىللار پۈتۈن بىر توپ خەلقنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشنى كۆزلىگەن بولۇشى كېرەك. ئەگەر جىنايى ئىشلار سوتچىسى بۇ قەبىھ نىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، سوتمۇ ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتەلمەيدۇ. ھەر بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، ھالبۇكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ھەممىسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ئايلىنىدۇ».

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر خېلى كۆپ چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن، روھىنگادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسى، خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋەقەسى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەلەرنى نېمە دەپ بېكىتىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ۋەقەلەردۇر».

ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا نىزام، خەلقئارا سوت ۋە قانۇننىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىرەر تۈزۈم ۋە سىستېما بولمىغان يەردە خەلقئارا قانۇنمۇ بولمايدۇ. تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا بىز يېڭى قائىدىلەرنى تۈزۈشىمىز، ھازىرقى قائىدىلەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ساداسىغىمۇ قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك».

جورجىيا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى دىيانى مارى ئامان (Diane Marie Amann) ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا ئېغىر پىسخىك زەربە بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ روھىدا ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشتا خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت پاكىتلارنى توپلاش، بۇ پاكىتلارنى ھەمبەھىرلەش ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتى خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى شان مۇررى (Sean D. Murrhy) دۆلەت ئىچىدە بولسۇن، ياكى خەلقئارادا بولسۇن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش قانۇنى تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭچە، بىز دەۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىقلارغا ئۇچرىغانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردۇر. بىزدە 1948-يىل ئىمزالانغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› بار، بىزدە يەنە 1949-يىل ئىمزالانغان، ئۇرۇش جىنايىتىگە قارشى تۈزۈلگەن ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى› بار، ئەمما بىزدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى يوق. خەلقئارا قانۇن كومىتېتى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئەمما ئۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرەرسى بىز ياشاۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلالمايمىز. مەسىلەن، ئامېرىكانى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ دۆلەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى بېكىتىدىغان فېدراتسىيە قانۇنى ياكى شىتات قانۇنى يوق».

ئۇ يەنە خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا قانۇن كومىتېتىڭ پىلانى نېمە؟ ئۇ 15 تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسىغا ئوخشايدىغان يېڭى ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ماددىلار ئىجرا قىلىنىسا، ئۇكرائىنا، سېررالىيون، خىتاي ياكى باشقا ھەر قانداق جايدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان جىنايەتچىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئامېرىكادا پەيدا بولۇپ قالسا، ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلالايدۇ. بۇ ئەھدىنامىنى يەنە بۇنىڭغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ قىتئەلەر ئارا ھەمكارلىشىدىغان كېلىشىمى قىلىشقىمۇ بولىدۇ».

جورجى تاۋن قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى جېين سترومسېت (Jane E. Stromseth) دۇنيانىڭ مەيلى قانداق يېرىدە ئۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرسە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ھاقارەت ۋە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:

«ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلنىسكىنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشى ۋە ئامېرىكالىقلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمىتىنى قوغداش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىدۇر. مېنىڭچە، بۈگۈنكى ئىنسانلار بۇنداق قورقۇنچلۇق تاجاۋۇز ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئالدىدا بۇ پرىنسىپلارنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، بروكىڭس ئىنستىتۇتى 1916-يىل قۇرۇلغان ئىلمىي ئورگان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنلەر، جۈملىدىن خەلقئارا ئىقتىساد، تاشقى سىياسەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان، ئامېرىكا دېموكراتسىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ياخشىلاشنى نىشان قىلغان، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاقىللار مەركىزى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.