ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» تېمىسىدا كۆرگەزمە ئېچىلدى

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىدە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش(ئوڭدىن 6-كىشى) ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە.
ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىدە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش(ئوڭدىن 6-كىشى) ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

0:00 / 0:00

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

بۇ كۆرگەزمە 15-ماي يەكشەنبە كۈنى چۈشتە ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى دىپلوماتلار، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىدە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تاتلىق-تۇرۇملاردىن ئالماقتا. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە.
ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىدە پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تاتلىق-تۇرۇملاردىن ئالماقتا. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ھويلىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، تارىختا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، مەلۇماتلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەتلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئېسىلغان. كۆرگەزمە تاختايلىرىغا يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سىزما رەسىملىرى ھەم ئىسىملىرى يېزىلىپ ئېسىلغان. بۇ كۆرگەزمىگە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ-ئەسۋاپلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك ۋە ئۇيغۇر قول ھۈنەر سەنئىتىگە دائىر بويۇملارمۇ قويۇلغان.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمە پائالىيىتى تۈركىيە دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلالىيەت مارشى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، تونۇلغان شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى.

كۆرگەزمە جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ خىل كۆرگەزمىلەرنى داۋاملىق ئېچىش كېرەك. ئەگەر بۇ مەدەنىيەتلىرىمىزنى ئۇنۇتساق، مىللىي كىملىكىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋىي ئۆي-جايلىرى، ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ خىل كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بىز دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت يوق بولۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيا ئۇلارغا ئىگە چىقىشى لازىم، دەپ چاقىرىق قىلىشىمىز كېرەك.»

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان سۈرەتلەر. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە.
ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان سۈرەتلەر. 2022-يىلى 15-ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ماھىرە فارۇق كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا بارغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىدا سىستېرا بولۇپ ئىشلەۋاتقان، 5 ياش ۋاقتىدا تۈركىيەگە كەلگەن مۇكەررەم خانىم، تۈركىيەدىكى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەن ھەققىدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا ھەمەيلەننىڭ قولىدىن كېلىشىچە بۇ پائالىيەتنى ياخشى قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق كۆرگەزمىگە ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان ئەرەب، ئەزەربەيجان ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇغۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان. ئۇلار بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. ئەنقەرەدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئۇنىۋېرسىتېتى سىستېرالىق كەسپىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ، بۇ جاينى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلار خۇددى ئۆز يۇرتىدىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىنى كۆرىۋاتقاندەك ئىللىق تۇيغۇغا چۆمۈلىدىكەن.