ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتاي رىقابەت قانۇنى» نى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-10
Share
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «خىتاي رىقابەت قانۇنى» نى ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 11-ماي، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 8-ئىيۇن كۈنى بېلەت تاشلاپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 40 يىللىق ھەمكارلىق تارىخىدىكى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بىر قانۇن لايىھەسىنى 32 ئاۋازغا قارشى 68 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان.

«بۈركۈت قانۇنى» ياكى «خىتاي رىقابەت قانۇنى» دەپمۇ ئاتالغان، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتىكى ئىقتىسادىي، گېو-سىياسى رىقەبەت كۈچىنى كۈچەيتىشنى مەقسەد قىلغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلار نۇقتىسىدىنمۇ زور ۋەقەدۇر.

تەخمىنەن 250 مىليارد دوللارلىق سېلىنمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ لايىھە ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتنىڭ ھەممە تەرىپىگە چېتىلغان.

بو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان، تور ھۇجۇمى ۋە ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزىشىگە ھوقۇق بېرش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئ‍الىدىكەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر 8-ئ‍ىيۇن كۈنى، يەنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ ئ‍الدىدا سۆزگە چىقىپ، ئەگەر ئامېرىكا ھېچقانداچ ئىش قىلمىسا، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چاك شۇمېر مۇنداق دېگەن: «دۇنيا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ھەرقانداق بىر ۋاقىتقا قارىغاندا ھازىر رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئەگەر بىز ھېچقانداق ئىش قىلمىساق، بىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆكۈمران كۈچ بولۇش كۈنلىرىمىز ئاخىرلىشىشى مۈمكىن.» چاك شۇمېر يەنە «بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكانىڭ 21-ئەسىردىكى رەھبەرلىك رولىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۈمكىنلىكى» نى بىلدۈرۈپ: «شۇ سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېقىنقى تارىختىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ تولۇق قوللىشى، بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، بىراق يەنە بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. تېد يۇڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى.

ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي كومپارتىيەسى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى بۆلۈنۈشلەردىن، دۇنيادىكى خاتىرجەمسىزلىكلەردىن پايدىلىنىشقا ئ‍ۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلار يەنە ئ‍ۆزىنىڭ كۈچى ۋە ئى‍قتىدارىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئ‍تتىپاقداشلىرى بىلەن دۇنياۋى رىقابەتكە نۇقتىلانماقتا. شۇڭا، بىز ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتىدە بۇنداق ۋاقىتتا دائىم قىلىپ كەلگەن ئىشلارنى قىلىشىمىز، ئ‍ۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، بۇنى ئ‍ۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ترامپ ۋە ھازىرقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قانۇن لايىھەسىدە تىلغا ئېلىنىشىدۇر. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ماقۇللاندى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەنە شۇنداق ئورگانلارنىڭ بىرى. بۇ ئورگاننىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىت ئ‍ىكەنلىكى، ئۇنىڭغا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكى، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك قانۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر ئامېرىكادا مۇشۇنداق كۆپ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خىتايغا بىۋاسىتە قارىتىلغان بىردىن-بىر قانۇن مۇشۇ، دەپ قارىىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ماددىلار بار. ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىت ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ماددا-ماددىلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بىر قانۇن لايىھەسىدۇر.»

نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 40 يىللىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ رىقابەتكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىنسانىي ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشى، خەلقئارا قائىدە-قانۇن ۋە ئامېرىكانىڭ خەلقىئارا يېتەكچىلىك ئورنىغا ئاشكارا خىرىس قىلىۋاتقانلىلىقى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىق ساھەسى بارغانسېرى تارىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «بۇ ھەمكارلىق مەسىلىسىمۇ سۇغا چىلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئ‍ۆتكەندە ستانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىدە كۇرت كەمبېلنىڭ دېگەن سۆزىگە قارايدىغان بولساق، بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ئەمدى نەق دېگەن سۆزى، خىتاي بىلەن ھەمكەرلىشىش، ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش دەۋرى تۈگەشكە باشلىغاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ، دىگەن بۇ مەيدانىنى ئوچۇق ئېيتتى.»

بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىسىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ھازىر يۈز بېرىقاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشى»، جۈملىدىن ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئامېرىكا تەنتەربىيەچىلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلىمىگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئامېرىكا دۆلەت مەجلسى بىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى پالاتانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋاپكارلىققا تارتىش ۋەدىسىنى ساقلاپ كەلدى ۋە ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ،» دېگەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمى قانۇنغا ئايلىنىشى ئ‍ۈچۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىشى شۇنداقلا ئۇنىڭغا پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئ‍مزا قويۇشى كېرەك. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئالدىغا كەلسە، ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى ئېنىق ئ‍ىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت