بۇ يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگىلىيەدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيەدىكى بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ پارتىيە خىتابنامىسىدىن ئورۇن ئالغان.
ئەنگلىيەدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر سايلام پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا قەدەم قويۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە پارتىيە خىتابنامىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى جاكارلاشقا باشلىغان ئىدى. مانا مۇشۇ قاتاردا ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بىرى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىمۇ 10-ئىيۇن كۈنى پارتىيە خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان.
ئۇلار 10-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان پارتىيە خىتابنامىسىدە ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە، «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى› دەپ تونۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقىرىقى مەيدانى ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە «X» تە بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، «ئەنگلىيەدىكى بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇش مەسىلىسىنى ئۆز خىتابنامىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى قارشى ئالغان». ئۇ بۇنى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەملەرنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان. رەھىمە خانىم بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ بۇ نوقتىنى تەكىتلىدى. رەھىمە خانىم سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە شۇڭا بۇنى بىر غەلىبە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەدە بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشنى پارتىيەلەرنىڭ خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆرۈشتۇق، ئۇلارغا دوكلات تەييارلىدۇق، ئىلتىماس سۇندۇق. ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تېخى بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. شۇڭا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئېھتىماللىقى بولغان پارتىيەلەردىن بىرىنىڭ خىتابنامىسىگە بۇ مەسىلىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى بىز بىر چوڭ غەلىبە دەپ قارايمىز.»
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى خىتابنامىسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ كەسكىن ئىپادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار، خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە تەيۋەن بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىشنىمۇ تەكىتلىگەن.
ئۇلار بۇ ھەقتە خىتابنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بىز خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدىكى ئالاقىمىزنى كۈچەيتىمىز.»
ئەنگىلىيەدىكى «خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد (Luke de Pulford) نىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىتابنامىسى ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەرغىب قىلىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «مەنچە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ خىتايغا ئالاقىدار بولغان ئەڭ ياخشى خىتابنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھازىرغىچە خىتاي ھەققىدىكى قىلىنغان ئەڭ كەسكىن خىتابنامە. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە لىبېرال دېموكراتلار بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كەلگەن ۋە خىتاي بىلەن تەنقىدسىز ھالدا ئارىلىشىشنى، مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەپەككۇر ئۇسلۇبىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.»
نۆۋەتتە، ئەنگىلىيەدىكى پائالىيەتچىلەر ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بۇ خىتابنامىسىنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ۋە ئەمگەك پارتىيەلىرىگە بۇ ھەقتە چاقىرىق ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناكنىڭ پارتىيەسى بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى 11-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خىتابنامىسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇش مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان، ئەمما ئۇلار خىتاينى ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كەسكىنرەك ئىپادە قوللانغان.
رەھىمە خانىم بىزگە قىلغان سۆزىدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ خىتابنامىسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئاجىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيەسى ۋە بۇ پارتىيەدىن چىققان باش مىنىستىر رىشى سۇناك خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىش بەدىلىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغانلىقى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.
رەھىمە مەھمۇت خانىم كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە قايتۇرغان ئوچۇق ئىنكاسىدا، ئۇيغۇر ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىنكاسىدا، «گەرچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى خىتابنامىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، بۇ يېتەرلىك ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن.
ئەنگىلىيەدىكى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ خىتابنامىسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھەققىدە قانداق مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.