مەلۇمكى، ئامېرىكا باشلىق بىر قاتار ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكى دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زور ھاياجانغا سالغان ئىدى. 9-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قارار ئالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشى خىتايدىن ھېساب سوراپ، ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئېلىپ كېلىش يولىدىكى يەنە بىر مۇھىم قەدەم، يەنە بىر مۇھىم تارىخىي چاقىرىق» دەپ باھالىغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىنايەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ قارار ئالغانلىقىدىن ئۇيغۇرلار نېمىنى كۈتىدۇ؟ خىتاي ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ قارارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن؟
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ ۋەقەنى «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دەۋىر بۆلگۈچ ۋەقە» دەپ باھالىغانلىقىنى تولۇقى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن پەيدىن-پەي قالغان دۆلەتلەر مۇشۇنداق قارار ئالىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن. بۇ چوڭ بىر ئۇتۇق. دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دېموكراتىك دۆلەتلەر توپى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئەڭ قۇدرەتلىك سىياسىي-ھەربىي تەشكىلات-ناتو نىڭ ئەزاسى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ مەسىلە ناتودىمۇ سالماقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە.»
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پەرىزىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا زىچ يېقىنلىشىپ، خىتايغا قارىتا بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇنداق قارار ئېلىشى ئۇيغۇرلارغىمۇ زور ئۈمىدلەر بېغىشلايدىكەن. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىللاردىن بۇيان قىلغان تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلدى.
قەھرىمان غوجامبەردى بۇنىڭ خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق زەربە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق ئالغان قارارىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە چوڭ ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنكى كۈندە بولۇۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىر بۇلۇڭغا چۈشۈپ قالىدۇ دېگەن خام خىياللارنى كۆزلىگەن بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇنىڭغا قارىماي، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە قەتئىي قارار قوبۇل قىلدى. بۇ قارار خىتاي دائىرىلىرىگە قاتتىق زەربە بولدى. خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك غەربنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ساختا، ئالدامچى تەشۋىقاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماقتا.»
رەھىم ھاپىزوف بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئىچكىي مەسىلىسى بولماي، ئۇنىڭ خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئامالسىز قېلىپ ھەر قەدەمدە ئۆزىنى ئاقلاش ئويۇنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى.
ئامېرىكا باشلىق بىر قاتار مەملىكەتلەر بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى يەنىمۇ ئېچىپ بەرگەن. ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان زور ساندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت تۇتقۇنلىرىنى تېز ئارىلىقتا قۇتقۇزۇش بولماقتا.