«ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزلۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىدا غالجىرلىشىشى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارغا كەلگەن ئومۇميۈزلۈك كرىزىسنى خەلقئاراغا تونۇتۇشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكادا رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرۇنقىدەك تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي، خىتاينىڭ جىنايىتىنى چوڭقۇرلاپ پاش قىلىش، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

بۇ يىل 28-ئىيۇن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدا «ئۇيغۇرلارغا يۈگۈزۈلۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق: خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىدا غالجىرلىشىشى» ناملىق دوكلات بېرىشى يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم دوكلات بەردى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىدىن سارا خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ لوس ئانژېلىس گۇرۇپپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش پائالىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلىدۇق. بىز يەرلىك كىشىلەرنى خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى يەنە ‹مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ماقۇللىتىشقا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتايدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىغا 25 كىشى قاتناشتى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى، ئىنكاسلار كۈچلۈك بولدى، سوئاللار سورالدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ دوكلاتتىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولدى، بەزىلىرى بۇ ئىشلارنى بۇرۇن پەقەت ئاڭلاپ باقمىغانىكەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ئېلىش ئارزۇسى ۋە ياردەم قىلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. بىز بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»

روشەن ئابباس خانىم يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ مىللەتنى يوقىتىش ئۈچۈن قانداق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىرمۇ بىر پاكىت ۋە مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ روشەن مىللىي خاسلىقى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكىنى ھەزىم قىلالمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ مىللەتنى «يوشۇرۇن خەۋپ» ھېسابلاپ، رەسمىي يوقىتىشقا ئۆتۈشىنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» كېڭەيمىچىلىكىگە، جاھانغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىگە، ئۆزىگە يات جىمى قوۋمنى بويسۇندۇرۇش غەرىزىگە باغلاپ ئىزاھلىدى.

روشەن ئابباس خانىم بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكىللىرىنى ئاشكارىلىدى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەت ئويلاپ باقمىغان رەزىللىكلەرنى قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرمەندىلىكىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەنىڭ تىپىك مىسال بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ يەنى «خىتاينىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى تونۇيمەن دېسەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا باق» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈردى. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئالدامچىلىقى ئارقىلىق ئاجىز ئەللەرنى قانداق قەرزدار قىلىپ قويغانلىقى، ۋابانى يوشۇرۇپ 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى كېسەل قىلىپ، نەچچە يۈز مىڭ ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ خىتاي ئاپىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ كەلگۈسىدە باشقا ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي نۆۋەتتە بىزنى يوقىتىش بىلەنلا قالماي، دۇنياغا خوجايىن بولۇپ باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە، دىنىي ئېتىقادلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل نىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىشىمىز لازىم».

روشەن ئابباس خانىم بۇ دوكلاتىدا خىتايغا تېگىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي يوقىتىش سۈيقەستىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى، ئاندىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتنىڭ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى مىللەت سەرخىللىرىنىڭ يېتەكچى روھىدىن ئايرىۋېتىلگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىلمىي تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا يول مېڭىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق دوكلات بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەنكى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۈگۈنكى پاجىئەنىڭ كەلگۈسىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىش ۋە ئىنسانلارنى بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا ئۈندەش ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى يەنە بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىتىش پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىش، خەت يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان؛ شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىدە بۇ قانۇن لايىھىسىنى قوللاشقا تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز توپلاشنى، تېخىمۇ كۆپ ئەربابلارنى قاتناشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 150 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە ئىكەن. روشەن ئابباس خانىم 17-ئاپرېل بۇ تەشكىلاتتا «قۇل ئىشچى قىلىنغان ھەدەمنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغۇچىلار كىملەر» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەنىدى.