«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» ئۇيغۇر ئېلى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېغىر قەتلىئاملاردىن بىرى دەپ قارالدى. ئۇنداقتا بۇنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق؟ بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى باش كاتىپى ئادىلجان ئەرۇيغۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرسۇن ئەپەندىلەر نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچرىغان قەتلىئاملار بىلەن خەلقئارا قانۇندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تۈرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلار، 5-ئىيۇل قەتلىئامىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆچۈش جەريانى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ نېمىلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن ئالدى بىلەن ئادىلجان ئەرۇيغۇر ئەپەندى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇقىيە تۇردۇش خانىم دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن نېمە؟ دېگەننى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق بىر مىللەتنى ئۇنىڭ تىلى، دىنى ۋە كۈلتۈرى تۈپەيلىدىن ياكى ئۇنىڭ ئىرقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي ياكى بىر قىسمىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى ۋەيران قىلىۋېتىشنى نىيەت قىلغان بولسا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدۇ».
رۇقىيە تۇردۇش خانىم، خەلقئارا قانۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى 5 تۈرگە ئايرىپ ئىزاھلاپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىسى، ئەگەر بىر مىللەتنى يوقىتىۋېتىش نىيىتى ھاسىل بولغان بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش. ئىككىنچىسى، يوق قىلماقچى بولغان بىر مىللەتنىڭ ھەممىسىگە ياكى بىر قىسمىغا روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن زىيان بېرىش. ئۈچىنچىسى، بىر مىللەتنىڭ ياشاش شارائىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىش. تۆتىنچىسى، تۇغماس قىلىۋېتىش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىۋېتىش. بەشىنچىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ باشقا بىر رايونغا ئاپىرىپ باشقا بىر مىللەت قىلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋېتىش».
ئارقىدىن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز قىلىپ، قەدىمكى خىتايچە مەنبەلەرە «مېنىڭ مىللىتىمدىن بولمىغانلارنىڭ قەلبى ئوخشىمايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى، خىتاينىڭ سىياسىي مەدەنىيىتىدە قەدىمدىن تارتىپ باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق، باشقا مىللەتلەرگە ئىشەنمەسلىكتەك ئىرقچىلىقنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى يوقىتىش كېرەك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇقىيە تۇردۇش خانىم دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» دا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەچكە، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» ھەققىدە تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلەر بىلەن شاھىتلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا ئۈرۈمچى قەتلىئامى جەريانىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ھەربىيلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا توكنى ئۆچۈرۈۋېتىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تاڭ ئاتقىچە كوچىلاردىكى قانلارنى يۇغان. خىتايلار تۆمۈر كالتەكلەر، تاش ۋە خىشلار بىلەن ئالدىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدار قىلغان. بۇلارنى ھۆكۈمەت ساقچى ۋە ھەربىي قوشۇنى توسماي يول قويغان. خىتايلار ھەتتا مەيدانلارغا يىغىلىپ «ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن، ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كەتسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» دا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلغانلىرىغا قاراپ، خىتايدا قەدىمدىن باشلانغان ئىرقچىلىق ئىدىيەسىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى نىجات تۇرسۇن ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ب ت د، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بۇ ۋەقەنىڭ كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى» نىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى يىغىننىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 20 قېتىمدىن كۆپرەك بۇ خىل ئىلمىي يىغىن چاقىرغان.
0:00 / 0:00