2021-يىلىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، بېلگىيە، چىخىيە، لىتۋا، فرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى، تۈركىيەدىكى چوڭ-كىچىك ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان «ئىيى» پارتىيەسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا. تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندىمۇ تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا تارتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوقۇرىقى ئىككى نەپەر سىياسەتچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بوۋىسى ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيەنىڭ ئادانا ۋىلايىتىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملار تۈگىمەيۋاتىدۇ. خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر زېمىندۇر. تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن قېتىم قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»
پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار تاكى مۇستەقىللىققا ئېرىشكىچە ھەر دائىم ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە باشقا سورۇنلاردا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرىدۇر، مۇستەقىل ۋە ئەركىن ياشاش ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر. ئۇيغۇرلار تارىختا قالدۇرغان شانلىق مەدەنىيەتلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەتتۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ دەردى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ دەردى بولۇشى كېرەك.»
ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېلىھەم سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىي مىللەتلىرى ئەڭ ئىشىنىدىغان تۈركىيەنىڭ ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› تېمىسىدا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ‹ئىيى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تۈركىيە پارلامېنتىدا ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. مەن ئەڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ كېلىۋاتقان قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن!»
«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ھەقۋەردى ئالتۇغ ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» ئىكەنلىكىنى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل ھالدا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىلەر ھەرگىز ئۈمىدسىز بولماڭلار. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىر سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈرك خەلقى ھەم بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى ھەر دائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرىمىز. پارتىيەمىز 2020-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ رەئىسىمىز ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشتا نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى قىلدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋام قىلىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. ئەگەردە 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا پارتىيەمىز ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالالىسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە ۋەدە بېرىدۇ.»
«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى، «كېلەچەك» پارتىيەسى 2020-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ 2 پارتىيە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلمەكتە.