ۋېندى شېرمان: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يالغۇز جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۆزىنىڭ «ئەلېي ۋېيسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» يىللىق دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ۋەھشىيلىكلەرنى مۆلچەرلەش، ئالدىنى ئېلىش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشتا تۇتقان ئىستراتېگىيەسى ھەم قىلغان خىزمەتلىرىنى شەرھلىگەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. دوكلاتتا، «ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكانىڭ «ئەلېي ۋېيسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2018-يىلى ئامېرىكالىق داڭلىق يەھۇدىي يازغۇچىسى، خەير-ساخاۋەتچى، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ساق قالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەلېي ۋېيسېلنىڭ نامىدا چىقىرىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلات يوللاپ كەلگەن. بۇ يىل ئۇنىڭ 3-قېتىم بۇ خىل دوكلاتنى يوللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكلاتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ 2021-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە ۋەھشىيلىك جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئەھدىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ ئەھدىنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلار، مەنىۋى ۋە دىنىي مۇرىتلارغا قارشى باستۇرۇشتا بولغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى رەت قىلىش، مالىيە ئېمبارگوسى ۋە ئېكىسپورت چەكلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جاۋابكارلىققا تارتىش تەدبىرلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

ۋېندى شېرمان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئەلېي ۋېيسېلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنسان ۋە ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىدە بۇ خىل ۋەھشىيلىكلەرگە قارشى بىر ئىشلارنى قىلىشنىڭ بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ۋېندى شېرمان مۇنداق دەيدۇ: «ئىنساننىڭ ھەرقانداق جايدا ئۇچرىغان ئىزتىراپى ھەممە يەردىكى ئەر ۋە ئاياللارنى بىربىرى بىلەن باغلايدۇ. بۇ سۆز ئەلېي ۋېيسېل 1986-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئېيتقان. ئۇنىڭ سۆزى بىزگە ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زوراۋانلىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرگە كۆز يۇمماسلىق مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ سۆزلەر يەنە ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە بۇ توغرىلىق بىر ئىش قىلىشمۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىدۇ».

ۋېندى شېرمان يەنە ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇكرائىنا خەلقىگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى، لېكىن ئۇكرائىنانىڭ بۇ ۋەھشىيلىك سادىر بولۇۋاتقان بىردىن-بىر جاي ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ۋېندى شېرمان مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن ھەممىمىزگە ئايانكى، ئۇكرائىنا دۇنيادىكى ۋەھشىيلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى نەتىجىسىدە كىشىلەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقان، قاتتىق ئازاب تارتىۋاتقان بىردىنبىر جاي ئەمەس. بۇلار جەنۇبىي سۇدان ۋە ئېفىيوپىيەدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، بىز جىنسىي ۋە جىنس ئاساسىدىكى زوراۋانلىقنىڭ توقۇنۇشتا قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنماقتا. ئافغانىستاندا، تالىبانلار كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ تۈپ ئەركىنلىكى، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا ئاجىز گۇرۇپپىلارنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىپ كەلدى. سۈرىيەدە، ئەسئەت ھۆكۈمىتى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى. بىرمىدا، مىنىستىر بىلىنكېن بۇ يىلنىڭ باشلىرى بىرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ روھىڭگالارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى قارار قىلدى.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت تەكشۈرۈش، دوكلات قىلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلەرنى قوللاپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، «بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا دائىر دوكلاتلار ئېلان قىلىنىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئىنكار قىلىش مەقسىتىدە تارقاتقان خاتا ئۇچۇرلىرىنى رەت قىلىشقا ياردەم بەرگەن، شۇنداقلا پرېزىدېنت بايدېننىڭ 2021-يىلى 23-دېكابىر كۈنى ئىمزالىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› تونۇشتۇرۇلغان».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسابېل كولمان سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىنىڭ ۋەھشىيلىككە قارشى ئۈنۈملۈك ۋە تەشەببۇسكار ھەرىكەت رامكىسى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسابېل كولمان مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۈگۈن تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە كۈندىلىك خەۋەرلەرگە چىقمايدىغان جايلارغا چۆكۈشىمىز ۋە يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەرلىك ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن ئۈنۈملۈك ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىنى بىر رامكا بىلەن تەمىنلەيدۇ».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەھشىيلىك ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان قىلمىش ئەمەس ئىكەن. ئۇ، ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولۇش-بولماسلىقنىڭ مەسىلە ئەمەسلىكى، بەلكى بالدۇر ھەرىكەت قىلىش-قىلماسلىقنىڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسابېل كولمان: «ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان مۇقەررەرلىك ئەمەس. ۋەھشىيلىك تاسادىپىي يۈز بېرىپ قالىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ۋەھشىيلىك يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەمىشە خەتەرلىك ئامىللار ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ. مەسىلە، ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇق-ئالالمامدۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بار ۋاقىتتا بالدۇر ھەرىكەت قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسىدۇر» دېدى.

لېكىن ۋېندى شېرماننىڭ ئېيتىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يالغۇز جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدىكەن. ئۇ ئاخبارات يىغىنىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ۋېندى شېرمان مۇنداق دەيدۇ: «بىز ۋەھشىيلىكلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەرىكەت قوللىنىپ كەلدۇق. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش، جاۋابكارلارنى ئەيىبلەش ۋە جازالاش، ئۇلارنى سوتتا تەكشۈرۈش ۋە ئەيىبلەش، ھايات قالغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ جامائىتىگە ياردەم بېرىشلارنى قىلىپ كەلدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ تەدبىرلەر مۇھىم. دەرۋەقە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش، ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جازالاش، قۇربانلار، ھايات قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قارىتا مەلۇم دەرىجىدە ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىز ئالدى بىلەن ۋەھشىيلىك، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز، شاھىتلارنى قۇربانلارغا ئايلىنىشتىن قوغدىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، زىيانكەشلىك ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلىرىدىن قېچىپ يۈرگەنلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاممىغا يۈزلىنىشنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتى دەل خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، يەرلىك ئەمەلدارلاردىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق تولۇق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھالقىلىق بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. شى جىنپىڭ 12-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللەتلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇرغۇزۇشنى تەكىتلىگەن.