يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان غايەت زور كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بارلىققا كەلگەن قارشى پىكىرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئىنكار پىكىرلىرى ئاساسىدا مەلۇم بولغان ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشنىڭ ئەمىلىيەتتە «غەرپ دۇنياسىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قارا سۈركەش ئويۇنى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» تېمىسىدىكى دوكلاتى 24-ئاۋغۇست كۈنى غەرپ دۇنياسىدىكى ئىلمىي ئەسەرلەر نەشرىياتچىلىقىدا بايراقدارلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان «تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» باشقۇرىشىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» ژۇرنىلىنىڭ 2021-يىللىق ئاۋغۇست سانىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر دوكلاتتىكى دەلىل-ئىسپات تەرىقىسىدە تەرتىپ بويىچە بېرىلگەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك ۋە مەقسەدلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تەبىئىي كۆپىيىشتىن چەكلەۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي تۈس ئالغان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، لاگىرلارغا قاماش ۋە باشقا مىللەتلەرگە تويلاشتۇرۇش چارىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. ناۋادا ئەھۋال مۇشۇ تەرىقىدە داۋام قىلسا 2040-يىلىغا بارغاندا پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىىتنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇرنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ماكانلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شۇ جايدىكى نوپۇس نىسبىتىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا «ئاز سانلىق» بولۇپ قالغانلىقىدەك «تەتۈر رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش» ئۇرۇنۇشى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان. بۇ تەبىر بويىچە بولغاندا تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىدىن ئېشىپ چۈشكەندە «نوپۇسنىڭ ئەلالاشقانلىقى» ئەمەلگە ئاشقان ھېساپلىنىدىكەن.
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل قىپيالىڭاچ مەنىدىكى «ھۆكۈمران مىللەتنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىرىش» نەزىرىيىسى 1940-يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسى دەۋرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭدا «ئاريان مىللىتىنىڭ ئالىي ئىرىق ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ نوپۇستىكى ئەلالىق ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چاقىرىقلىرى» ئەينى ۋاقىتتا كۆپلەپ بازار تاپقان ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» نى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا «نوپۇس قۇرۇلمسى ۋە نوپۇس بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى دىققەتتىن ساقىت قىلمىغان ھالدا تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدبىر قاتارىدا ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.
«تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان تارىخىي باغلىنىشى قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ تەتقىقات ماقالىسىدىكى بايانلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراشنىڭ پۈتۈنلەي ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنىڭ بىردەك بېيجىڭدىن كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. يەنە بىر ياقتىن ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قىرغىنچىلىقنى جازالاش ئەھدىنامسى» دىكى قىرغىنچىلىق ماددىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ باستۇرۇش ھەركىتىنى «21-ئەسىردىكى يېڭى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. چۈنكى ئادريان زېنز ئۆزى ئېيتقاندەك بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دېگەن نۇقتىئىنەزىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېيتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا كەلگۈسى 20 يىلدا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىرنەچچە مىليون تۆۋەنلەش بەدىلىگە خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ جايلاردىكى ئېشىش نىسبىتى 25 پىرسەنتكە يېتىدىكەن. بۇنداق بولغاندا نوپۇس سانى جەھەتتە ئازايغان مىللەتنى كونترول قىلىش ۋە ئاسمىلاتسىيە قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدىكەن. ھەممىدىنمۇ بەكرەك قاباھەتلىك بولغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنى «چاتاقنىڭ مەنبەسى» دەپ قاراشنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «زىرائەتلەر ئارىسىدىكى زىيانداش چۆپلەرنى خىمىيىۋى دورا چاچقاندەك دورىلاپ يوقىتىش كېرەك» دېگەن مەنتىقىنىڭ ئەمىلىيەتكە تەدبىقلىنىشى ئىكەن.
دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ماقالىسى 24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ «تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» نىڭ تورىغا چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، خالىغان كىشىنىڭ بۇ ماقالىنى كۆرەلىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى چۈشىنىشىگە ئوڭايلىق يارىتىدىكەن.