ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا يۈزلەندى

0:00 / 0:00

لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ماددىي ئىسپاتلارنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇشى، بولۇپمۇ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا يوللانغان بىر قىسىم ئىچكى ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىز تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتىمىز» دېيىشى، شۇنىڭدەك مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاقلىشى نۆۋەتتە ئەركىن جەمئىيەتتە كىشىلەرنى ئالدىيالماس بايانلارغا ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەندەك ناملاردا ئاتىشى كۆپلىگەن سوئاللارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى رەسمىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا يۈزلىنىشى بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنىڭ يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يول ئاچتى.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشىنى رەسمىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش مەسىلىسى كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەر ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، بۇ خىل رەسمىي تەبىر بېرىشنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى تېخى ئېغزىدىن چىقارمىغانىدى. 25-ئاۋغۇست كۈنى ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر خادىم «سىياسىي» ژۇرنىلىغا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەيدانغا كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سىياسىي» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمى نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتىكەن. ناۋادا مۇزاكىرە جەريانىدا بۇ ھالنى ھەرقايسى تەرەپ بىردەك «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش توغرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەن ھالەتتىمۇ ئاقساراي يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «ئېتنىك تازىلاش قىلمىشى» دەپ تەبىر بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇليات رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت ترامپ ئىجرا قىلىپ كەلگەن سىياسەتتە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەر بىر ئىنسان قانداق سىياقتىكى كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەبەدىي قىممەتكە ئىگە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى نۆۋەتتە ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، دۆلەت ھىمايە قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەمدە جىنسىي خورلۇقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش دېگەندەك كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى رەھبەرلەر بۇ ھەقتە بىر تاغار گەپ ساتقان بولسا پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللاندى.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي پاجىئەنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا تەييارلىنىشى مۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە بولماستىن كۆپلىگەن پاكىتلار ھەمدە تارىخىي مەجبۇرىيەت ئارقىسىدا ئېلىنىدىغان بىر قارار ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئوخشىمىغان شەخسلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدە «يىغىۋېلىش لاگېرى»، «غايەت زور كۆلەملىك ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن ھەمدە مىليونلىغان ‍ئۇيغۇرنىڭ بۇ جايلارغا قامىلىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلىرى بولسا لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق ھادىسىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەمدە مەجبۇرىي يوسۇندا نوپۇس كونترول قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىسپاتلارنى دۇنيا جامائىتىگە سۇنغان ئىدى. بۇ خىلدىكى ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشى يەنە بىر ياقتىن بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك سادالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەنە شۇ خىل سادالارنىڭ بىرى 2020-يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا چۈشكەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جوۋ بايدىننىڭمۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملار نەق قىرغىنچىلىقتۇر. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېيىشىدە ئىپادىلەندى.

«ئاكسيوس» ژۇرنىلىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «جوۋ بايدىن سايلام كومىتېتى» نىڭ باياناتچىسى ئاندرېۋ بايتىس بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان، شۇنداقلا تىل بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ ھېچ ئىمكانى بولمىغان بۇ زۇلۇملار ئاشكارا قىرغىنچىلىقتۇر. جوۋ بايدىن بۇ قىرغىنچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر دونالد ترامپ ئەپەندى بۇ پاجىئەگە جوۋ بايدىنغا ئوخشاشلا ‹قىرغىنچىلىق› دەپ تەبىر بەرگەن بولسا بىز ترامپ جانابلىرىدىن شۇنى سورايمىز: سىز بۇ مەسىلە ھەققىدە كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتىسىز؟»

«سىياسىي» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جوۋ بايدىننىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى «قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش لازىم» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى ئۇنىڭ سايلام مەزگىلىدە خىتاي توغرىسىدا قاتتىق بولغان سىياسىي مەيداننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەبىرلىرىگە تولۇق چۈشىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدا دونالد ترامپنىڭ بۇ ھالنى «قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە بولغان مايىللىقى خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتى ھەمدە تاجسىمان ۋىرۇسىدىن كېيىنكى قاتماللىق سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۈچەيمەكتىكەن.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا بۇنداق بىر تۈپلۈك ئۆزگىرىش مەنىسىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىنى دەل ۋاقتىدا بولغان ئىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «جوۋ بايدىننىڭ سايلام مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇشۇنداق بىر باياناتنى ئېلان قىلىشى ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. ئەپسۇسكى خىتاي مەسىلىسى دېموكراتىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى (DNC) دا يىغىنلىرىدا ئانچە گەۋدىلىك ئىپادىلەنمىگەنىدى. بايدىننىڭ بۇ قەدەمنى ئېلىشى شۈبھىسىزكى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ جەھەتتە دوكۇر ئادريان زېنزغا ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، سايلامغا چۈشكەن جوۋ بايدىننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بۇنداق ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشى ھازىرقى ۋەزىيەتتە پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇغۇرى قاتلىمىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ زور ئۆزگىرىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىمۇ زور ھاياجانغا چۆمدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن زور كۆلەملىك پاجىئەنى «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئاتىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىمۇ «قىرغىنچىلىق» دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمىغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە ئاق ساراينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە رەسمىي ھالدا «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تەييارلىنىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىدا ئېلىنغان بىر مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا ئىكەن.