خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى بارغانسېرى كۆپلىگەن دېمۇكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. بىر قىسىم سىياسىيونلار ۋە سىياسىي ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم خادىملار ۋە قانۇنشۇناسلار بۇ ھەقتە يېتەرلىك مەلۇماتلار ھەم دەلىللەرنىڭ يوقلىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىدە ئىنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۆلەمدىكى دۆلەت تەشۋىقات ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ھەتتا چەت ئەللەردىكى بەزى كىشىلىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق خىتاينىڭ پايدىسى ئۈچۈن سۆزلتىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا ئاكارا قىلىشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان ئىدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېلېئانور خارت (Eleanor Hart) تەرىپىدىن يېقىندا فىرانسۇز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇنبىرى «ئائوس» دا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: ئىلمىي ساھەدە بىرلىكنىڭ بارلىققا كېلىشى» ناملىق ماقالە خەلقئارادىكى ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان.

بۇ يىل يانۋار ئېيىدا فىرانسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيەدىكى بىر قىسىم خىتايپەرەست كىشىلەر ۋە «تىز پۈكمەس فىرانسىيە» پارتىيەسىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ھەر خىل سىياسىي رەدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھاننىڭ قارىشىچە، ئېلېئانور خارتنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى خىتايپەرەس سىياسىي سەپسەتىلەرگە بېرىلگەن ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي بىر رەددىيە دېيىشكە بولىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە مەۋجۇت ۋەزىيەتتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ماقالە ئۇيغۇرشۇناس جوئان سىمىس فىنلېي، تەتقىقتاچى ئادرىيان زېنز، قانۇنشۇناس ئېرىن فارەل روزېنبېرگ ۋە خەلقئارا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ مەسئۇلى دىرك موزېزلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تەڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئېلان قىلىنغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلېئانور خارت خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيا ئىلىم ساھەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قېلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا قوبۇل قىلىنىشى نىسبەتەن سەل ئاستا بولدى. ئەمما بۇ ئۇقۇمنى ئىشلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن ئاڭلىق ۋە ئىلمىي مەزمۇنلار مەۋجۇت. مەنچە، فرانسىيەنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسى بۇ جەھەتتە مۇتەئەسسىپ، ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي ساھەمۇ ئوخشاشلا مۇتەئەسسىپ. ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا بىر ئاز ۋاقىت كەتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ئۈستىدە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا بولدى. تەتقىقاتچىلار خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدى.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ھازىر بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەسلىكى ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار بارغانسېرى ئازايماقتا. ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئەمدى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىق.»
ئېلېئانور خارت ماقالىسىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغۇچىنىڭ نىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان پۈتۈن ئامىللارنىڭ قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېلىئانور خارت خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىشتىكى ھالقىلىق سەۋەبلەر توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىمىزدىكى سەۋەب، بۇ سىياسەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بەلگىلىك ئامىللارغا ئىگە بولغانلىقىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سىياسىي نۇتۇقلىرى ۋە يوليورۇقلىرىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇددىئاسى ۋە ئېتنىك ياكى مىللىي توپلۇقنىڭ مەلۇم بىر قىسمىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدەك رېئاللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر.»
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇقۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. خىتاي نوپۇس ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ھەر قانداق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلماقچى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكە جەريانىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن. ئېلىئانور خارت ماقالىسىدە يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى تاجاۋۇزچىلارغا پايدىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇستەملىكە تۇپراق ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىلمىي قاراشلارنىڭ ئىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا توختالدى.
ئېلېئانور خارت ماقالىسىدە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مۇناسۋەتلىك ئالاقىدار ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەندىن كىيىن بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئېلېئانور خارت خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«فرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئەمەس، بەلكى پارلامېنتلىرى ئېتىراپ قىلدى. مەسىلەن، فرانسىيەدە پرېزىدېنت ماكرون بۇ مەسىلىنى تېخى رەسمىي قۇبۇل قىلمىدى. شۇڭا مېنىڭچە، ئاۋۋال ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشى مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەش، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش جەھەتتىن مۇھىم بىر باشلانغۇچ. ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئېمبارگولار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى مۇھىم بىر قەدەم.»
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى نۆۋەتتە دۇنيا سىياسىي ساھەسىدىن باشقا يەنە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان. ئىلىم ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا.