يوناھ دايموند: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارا بولدى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن «ئىلمىي خادىملار» ۋە «سىياسىيونلار» ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» جەريانىدا ھاسىل قىلغان «تەجرىبىلىرى» نى يەكۈنلەپ: «تېرورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ‹ئەلالاشتۇرۇش› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم،» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. بۇنىڭدىكى «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نىڭ تەبىرى ھەققىدە ھەرقايسى «مۇتەخەسسىسلەر» ئېلان قىلغان ماقالىلاردە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بارلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، دېيىلگەن ئىدى. بۇنداق بىر نەزەرىيىۋى خۇلاسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەمدە مۇشۇ خىل يېتەكچى ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ 24-ئاۋغۇستتا رەسميي ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدا تولۇق شەرھىلەندى. مەزكۇر ماقالىنى نەشر قىلغان «تەيلور ۋە فرانسىس گۇرۇھى» قارمىقىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» ژۇرنىلى شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ماقالىنى تور بوشلۇقىدا ھەقسىز تارقاتتى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بەس-بەستە بۇنى ھەمبەھىرلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى. فېيسبوك، تىۋېتتېر ۋە ئۈندىدار سەھىپىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ھەقتىكى ئالقىشلار مەزكۇر ماقالىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئاساسىدا يېزىلغانلىقىنى ئىشارە قىلاتتى. شۇلار قاتارىدا ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام «بۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخىرقى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى خىتايلارنىڭ ئۆز بايانلىرىدىن مەلۇم بولىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ھەقسىز قىلىپ توردا ئېلان قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

ئىلمىي ساھەنىڭمۇ بۇ دوكلاتنى قىزغىن ئالقىشلىغانلىقى مەلۇم. «راۋول ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دايموند ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە 2021-يىلى مارت ئېيىدا «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا تەستىقلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئەمەلىيەتتە مەن بۇ ماقالىنى بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىلا ئوقۇغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇنىڭدا دوكتۇر ئادريان زېنز ناھايىتى ئاچقۇچلۇق بولغان بايقاشلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنى قانداق ئىبارىلەر بىلەن يۆگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى چىۋەرلىك بىلەن شەرھىلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىبارىلەردىكى ‹ئەسەبىيلىك›، ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت›، ‹تېرورلۇق› دېگەنلەرنى قوللىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە قاماش نىشانى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىلگىرىكى بايانلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. بۇ ماقالىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق بولغان ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئۇلار ياللىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دىققەت نىشانى بولغان. بۇ نىشان بويىچە بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى تۆۋەنلىتىش باش ۋەزىپە قىلىنىدۇ. ھازىر بولسا بىز قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى سىياسىي ئىبارىلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇ ئىبارىلەردە قىرغىنچىلىق خاھىشى ئېنىق ھالدا تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇ پاكىتلار مەن ئىلگىرى قەلەم تەۋرىتىشكە ئىشتىراك قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلغان قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قاراشلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە دەلىللەيدۇ. بىز ئۇ دوكلاتتا 50 نەچچە مۇتەخەسسىسنىڭ پىكرىنى ئالغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ بىر قاتار سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋېتىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.»

يوناھ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئادريان زېنزنىڭ ماقالىسىدىكى مەركىزىي تېمىلاردىن بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى بىر مۇھىم چارە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەن قاراش خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، بۇ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «ئۇيغۇر تېرورلۇقى» نىڭ مەنبەسىنى ئۇيغۇرلاردىن ۋە چەت ئەلدىكى «دۈشمەن كۈچلەر» دىن ئىزدىگەندەكلا بىر ھادىسە ئىكەن.

«كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەر ۋە ئالىملارنىڭ بايانلىرىدا باياتىن سىز تىلغا ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغۇچىلار› بولۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا قارىتا خىتاي دۆلىتىنىڭ قانداق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى شەرھىلەپ ئۆتۈلگەن. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارا ھالدا ‹تەھدىت› دەپ قارىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش چارىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل مەقسەتلەرنى كۆزلىگەن تېخنىكىلىق ئىبارىلەر ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش چارىلىرى، جۈملىدىن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى، ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ۋە تۈرمىلەرگە يوللاش قاتارلىقلارنىڭ ‹ھەقلىق› ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ. چۈنكى بۇ خىل مەنتىقە بويىچە بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خىتاي دۆلىتىگە مۇشۇ يوسۇندا بىر قورقۇنچ ۋە تەھدىت بولغانىكەن، دۆلەتنىڭ بىر قاتار چارىلەرنى ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹تەھدىت› نى يوق قىلىشى پۈتۈنلەي ‹يوللۇق› بولۇپ قالىدۇ.»

دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ماقالىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا مۇستەملىكىچىلىك تۈسى ئالغان «ئىجابىي» ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتەك قەبىھ نىشانىنى پەردازلىماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭدەك «شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە ئىنسانىىيەت جەمئىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاق سىستېمىسىغا بىر چوڭ سىناق بولدى،» دېدى

ئادريان زېنزنىڭ بۇ ماقالىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېڭى پەللىسى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2021-يىلى مارت ئېيىدا «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى زۇلۇملاردىن تۈپتىن پەرقلىق بولغان ھەمدە تولۇق مەنىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تۈسىنى ئالغان ھەركەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئادريان زېنزنىڭ بۇ ماقالىسى بۇ ھەقتىكى بايانلارنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەل يورۇتۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېز سۈرئەتتە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىشنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، بۇنى قانداق قىلىپ توسۇش مەسىلىسى نۇرغۇن كىشىلەر باش قاتۇرىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «يېڭى لىنىيە ئىنسىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېمىلىي پرېي خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خەلقئارا ساھەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش دولقۇنى مۇئەييەن سالماقنى تەشكىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەتنى بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر پاجىئەلىرىدىن خەۋەردار قىلىش ۋە تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان بىز بەكمۇ كۆپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. گەرچە ‹ەمدى قايتىلانمايدۇ› دېگەن تارىخىي شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھال رۇئاندا، ئىراق، بېرما قاتارلىق جايلاردا يەنە يۈز بەردى. ئەمدى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئېغىر مىساللار خىتايدا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي پۇل ۋە ھوقۇق ئارقىلىق ھەممىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۇپىسىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ‹سېتىۋالدى›. يەنە بەزىلەرنى بولسا بوزەك قىلىش ياكى تەھدىت سېلىش ئارقىلىق سىزغان سىزىقى بويىچە ماڭدۇرىۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتايدا پۇل ۋە ھوقۇق مەۋجۇت. شۇنداق بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىش ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىىسى ئەمىلىيەتتە خىتاينىڭ يۈز مىليونلىغان ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىشى بەدىلىگە خىتايغا ‹سېتىلىپ كەتتى›. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بىر ياققا قايرىلىپ قېلىپ، خىتاينىڭ دېگەنلىرى ‹ھەقلىق› بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ خەلقئارا جەمىيەتنى مۇشۇنداق بىر ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ قولتۇقىدا تەرلەشتىن ئۆزىنى تارتىشقا چاقىرىق قىلىشىمىز بەك مۇھىم. مېنى دېسىڭىز مەن تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ، شۇنداقلا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشى، شۇنىڭدەك بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىدىن ھېچقانداق قېلىشمايدىغان «ئىس-تۈتەكسىز قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مۇشۇ خىلدىكى مەخسۇس دوكلاتلار ئالاھىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.