بۈگۈن، يەنى 28-ئاۋغۇست كۈنى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى «دانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتى» دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما قىلىنغان گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق، «گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» دىن ئەنۋەر ئەردەم، گوللاندىيەدىكى ياش يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلار قاتناشقان.

«گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» دىن ئەنۋەر ئەردەم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە 50 تىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر، دانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سىياسەتچىلەر، تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا دانىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم بايانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە گوللاندىيەدىن دانىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا دانىيەدىكى بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ لاگېردا كۆرگەنلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەمەلىي مىساللار ھەم دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تونۇشتۇرغان. ئۇ ئۆزىنى زىيارەت قىلغان دانىيەلىك مۇخبىرنىڭ «سېنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارزۇيۇڭ نېمە؟» دېگەن سوئالىغا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتقا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىدە ياشىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىگە گوللاندىيەدىكى ياش يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئەينى ۋاقىتتىكى ‹جەنۋە ئەھدىنامىسى›نىڭ روھىغا ئاساسەن ب د ت ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، شۇنداقلا دانىيەنىڭمۇ بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پائالىيەتنى «گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ئەردەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە دانىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۈنتاختا شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىنىڭ قاراڭغۇ يۈزى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.