16-سېنتەبىر كۈنىدىن 19-سېنتەبىر كۈنىگىچە، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاياللار كۈچى» فېستىۋالىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
«ئاياللار كۈچى» فېستىۋالى فىرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم فېستىۋاللاردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا دائىرى تۈرلۈك كونسېرت، لىكسىيە ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى، فېستىۋالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

فېستىۋالنىڭ تۇنجى كۈنى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر مەخسۇس ئۇيغۇرچە ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى فىرانسىيەدىكى خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ئۇيۇشما «ئېتاك» بىلەن بىللە بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بۇ فېستيىۋال جەريانىدا مەخسۇس بىر كۆرگەزمە ئۈستىلى تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى، فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شائىر مەردان ئەھەتئەلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ فېستىۋالدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
فىرانسىيە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەنئەتكار نەسىبە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قېلىپ، بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن جانلىق بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىقى كۈنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىم «راجا» ئاياللار ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «فېمىنىسىتلار ئاۋازى» سەھنىسىدە «فېمىنىزىم ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە بەردى. دىلنۇر خانىم لېكسىيەسىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدىللىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

ئۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى مۇستەملىكە ئاستىدا. مۇستەملىكە قىلىنغان بىر دۆلەتتە تىنىچلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇستەملىكىنىڭ ئۆزى باراۋەرسىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. مۇستەملىكە جەمئىيىتىدە باراۋەرلىك ۋە ئادالەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت مۇستەملىكە ئاخىرلاشقاندىلا، ھۆر مىللەتنىڭ كىشىلىرى ئۆز جەمئىيىتىگە ئادالەت ئېلىپ كەلگەندىلا، ئاندىن تىنچلىق بولىدۇ.»
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ۋە تەشۋىقات پروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.