«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

چېخىيە يەرلىك پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چېخىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىگە قارىتا 6-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت شتابىدا ئاۋازغا قويۇش يىغىنى بولغانىدى. نەتىجىدە بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى قوللاش 17 ئاۋازغا، قارشى تۇرۇش 19 ئاۋازغا ئېرىشىپ، تەكلىپ لايىھەسى رەت قىلىشقا ئۇچرىغانىدى. بۇ ھادىسىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۇر تەكلىپ لايىھىسىنى قوللىغان دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتى بىلەن چېخىيەدە 3 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

10-ئۆكتەبىر چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنى پارلامېنت ئەزاسى ئەۋا دەكروئىخ(Eva Decroix )خانىم ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە چېخىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى ھاياتو جوسىف ئوكامۇرا (Hayato Josef okamura) ئەپەندى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ مۇھىم كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلار چېخىيە پارلامېنتىدا. 2022-يىلى 10-ئوكتەبىر.

بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

ئۇلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيە پارلامېنتىگە رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن يېڭى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەھىمە مەخمۇت خانىم يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «چېخىيە ھۆكۈمىتىگە قويغان تەلەپلىرىمىز، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش. بۇنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، بۇنى توختىتىش توغرىسىدا سىياسەت ئېلىپ بېرىش. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق بولغان خىتاي رەھبەرلىرىنى ۋە شىركەتلىرىنى جازالاش. مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كېلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى توسۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بارلىق دۆلەتلەرگە دەۋاتقان تەلەپلەردۇر».

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ جازا لاگېرىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت خىتاينىڭ ھازىر يۇقۇمنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ۋە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن. 2022-يىلى 10-ئۆكتەبىر، چېخىيە.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرگە چېخىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىجابىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى، 6-ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ 2 ئاۋاز پەرق بىلەن ئۇتۇپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەغلۇبىيەت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم 2020-يىلى فىرانسىيەلىك روسەن مورگانت بىلەن بىرلىكتە لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» دېگەن نامدا فىرانسۇزچە نەشر قىلدۇرغانىدى. فىرانسۇزچە نەشرىدىن كېيىن، مەزكۇر كىتاب دەرھال «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» نامىدا چېخ تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ بۇ قېتىم چېخىيە پارلامېنتى بىلەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى، بۇ يەردە كۆپ كىشىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان چېخىيە، ھازىرغىچە د ئۇ ق ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانىلىق قىلدى.