غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىرقىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە خىتاي مەنبەلىك مەتبۇئاتلاردىن پايدىلىنىپ بۇ رېئاللىقنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل ئىنكارچىلارغا دەلىل-ئىسپاتلا ئارقىلىق رەددىيە بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىرى دېرېك نۇئىن ئەپەندىدۇر. دېرېك ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى بۇ ئىنكارچىلارغا سىستېمىلىق ۋە جىددىي رەۋىشتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.
دېرېك نۇئىن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»، يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش نۆۋەتتە بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتالمىغان. ئۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئەڭ بالدۇر بايقاپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
دېرېك نۇئىن ئۇزۇندىن بۇيان پۇقراۋى تەشكىلاتلاردا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇرۇن ئۇ قۇرغان «كىتابخۇمارلار ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان. ئۇ، ھازىرمۇ جورج ۋاشىنگتون ۋىليەمىس مائارىپ تۈرى نامى ئاستىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىمەكتىكەن.
ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققان باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىرتەرەپ قىلغانلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش، بولۇپمۇ مۇھىمى، ياشلار بىلەن ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدەنگەن.
دېرېك نۇرئىن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا ئۈندىگەن مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى، ھازىرغا قەدەر ھېچ كىمنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، ھەمدە مەكتەپلەردە ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرمىگەنلىكى سەۋەب بولغان. ئۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىقىنى كۆزىتىش.
ئىككىنچىدىن، يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغان سەنئەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.
ئۈچىنچىدىن، ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەلەشكە ۋە كۈچلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھازىر ۋىدىيولۇق يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ياشلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ياشنىڭ ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
2019-يىلى يانۋاردا دېرېك ئامېرىكالىق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق لىدېرى مارتېن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەم شۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى كۆپرەك قىلىش ھەمدە باشقىلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرى ئۆزىنىڭ ھېكايىلىرىنى قىسقا فىلىم شەكلىدە تىك توك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قەرەللىك ھالدا يوللاپ تۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ سىنلارنى كۆرگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى «بۇ ھېكايىلەر راست ئىكەن» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويالايدىكەن.
دېرېكتىن بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ۋە ئۇنى قوللانغۇچىلارنىڭ نېمە قىلىشى لازىملىقى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قانداق تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە يەھۇدىيلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەكلىكىنى، ئاۋامنىڭ نارازىلىقى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بۇ مەسىلىنى بىلدۈرۈش لازىملىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلارنىڭ تۆھمەتكە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى»، «جەنۇبتىكى نامراتلىق قانۇن مەركىزى» قاتارلىق ئورگانلىرى بار. شۇنداقلا ئۇلار يەنە فەيسبۇك) Facebook)، يۇتۇب (YouTube )، تۋىتتېر ( Twitter ) قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «ھەي، بىز قىرغىنچىلىقتىن تېنىۋالغۇچىلارنى ياقتۇرمايمىز» دېيەلەيدۇ. ئۇلار يەنە ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش ئارقىلىق بۇنداق تاراتقۇلارنى چەكلىيەلەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بۇرۇن يۇتۇپ، چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ يالغان-ياۋىداق بايانلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئورگانلار ۋە جامائەت پىكىرى ئارقىلىق بۇنداق مەزمۇنلارنى يۇتۇپتىن دەرھال چىقارغۇزىۋەتكەن.»
دېرېك نۇئىن: ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى يوقىتالايدۇ
ئۇنىڭ دېيىشە: «ئاۋامنىڭ نارازىلىقى ھەمدە مۇشۇنداق ۋەقەلەرنى ئانالىز قىلالايدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان شۇنداقلا كۈن تەرتىپىگە ئەكىلەلەيدىغان تەشكىلاتلار پەيدا بولغان ھامان بۇنداق مەزمۇندىكى نەرسىلەر ئۆچۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەتكە كەلسەك ئەگەر بۇنداق ئىشلارغا ئاۋامنىڭ نارازىلىقىسىز ئارىلىشىمەن دېسە، «ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى تۈزىتىلمىسى» مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ ۋە ‹ھۆكۈمەت پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلىدى› دېگەن بەتنامغا قالىدۇ، ئەگەر ئاۋامنىڭ نارازىلىقى ۋە شىركەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئارىلاشسا ‹ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى تۈزىتىلمىسى› دېگەندەك مەسىلىگە دۇچار بولمايدۇ. يۇتۇپ (YouTube) نىڭ ئاق تەنلىك ئاشقۇنلار ۋە چوڭ قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشىدىكى سەۋەب: ئاۋامنىڭ نارازىلىقى ۋە يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ قارشى چىققانلىقىدا.»
دېرېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى يوقىتالايدىكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى بۇنداق ئىشلارنى نۇرغۇن قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى بېرمۇدادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، روھىنگالار جازالانغان ۋاقىتلار ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئاۋامنىڭ نارازىلىقى بىلەن، فېيسبۇك ۋە تۋىتتېردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن ھامان، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا بىرەر ئىش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. دېرېكنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى بۇ ئىشلارنىڭ نېمىشقا خىتايغا كەلگەندە مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاۋامنىڭ نارازىلىقىنىڭ كەم بولۇۋاتقانلىقىدىن دەپ قارايدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە بەلكىم سىياسىيونلار بۇ توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىگە گەپ قىلالىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھۆكۈمەت پەقەت «ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى تۈزىتىلمىسى» مەسىلىسىگە كىرمەي تۇرۇپمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىكەن.
دېرېك نۇئىن: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان پىلان ۋە تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك
دېرېك ئەپەندى تۋىتتېردا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرى ئامېرىكانىڭ بەزى چوڭ شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا، ياشلارنى نىشان قىلغان ھالدا، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى ياكى سىياسەتلىرى بار-يوقلۇقى توغرىسىدا بىز بىلەن ئۆز قارىشىنى ئورتاقلاشتى.
ئۇ مۇندا دېدى: «ئاۋامنىڭ نارازىلىقى بولۇشى كېرەك. بەلكىم سىياسىيونلار بۇ توغرىلىق گەپ قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋامنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىشى كېرەك. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان پىلان ۋە تەدبىرلىرىمۇ بولۇشى كېرەك. ئۇلار پەقەت خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغىلا ئىشىنىپ ئولتۇرماي، ئامېرىكانىڭكىگىمۇ قارىشى كېرەك.»
يېقىندا كىنو رېژىسسورى جۇد ئاپاتوۋ (Judd Apatow ) ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سەل قارىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى تەكشۈرگەن.
بىز دېرېك ئەپەندىدىن بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز دۆلىتىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خىتايغا ئوخشاش ئەللەرگە مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرىغا چىقسا، كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى سورىدۇق.
ئۇ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن خوللىۋود سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىشنى خالايدىغان سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى. كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بەرگۈچى سەنئەتكارلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىمىز كېرەك. ئۇزۇندىن بۇيان، مەن سىنلىق يىغىنىغا قاتناشقان ماھفۇزغاMahfouz) ( ئوخشاش ياش سەنئەتكارلارنى قوللاپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ ئۇيغۇر تەنقىدچىلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە ئاساسەن نۇرغۇن سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلىگەن سەنئەتكار. شۇڭا، بىز بۇ ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خوللىۋودنىڭ سىرتىدا بىر سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇرىيمىز، چۈنكى ئۇلار بۇ ھېكايىنى سۆزلەشنى خالىمىسا، خالايدىغانلارنى تېپىشىمىز كېرەك.»
دېرېك نۇئىن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كارتون فىلىم كۆرگەزمىسىگە بېرىپ شۇ جايدىكى ياشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
دېرېك نۇئىن، تىۋىتتېردا كارتون فىلىم شىركەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇنداق كارتونلارنىڭ ياشلارنى قايمۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدۇق.
ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياشلارغا ھېكايە سۆزلەيدىغانلارنىڭ كىم بولۇشىغا قارىشىمىز كېرەك. يەنى بۇ كىشىلەر راستتىنلا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارمۇ، ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارمۇ؟ دېگەندەك. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي پايدىنى كۆزلەپلا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، شۇنىڭغا بۇلارنىڭ ھېكايەسىنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ياپونىيە كارتون ساھەسىدە چوڭ قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بايقالغان ھامان ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ ھەم خىزمەت ئورۇنلىرىدىن بوشىتىۋېتىلىدۇ. بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەردە ياشلار كارتون فىلىم كۆرگەزمىسىگە بارغاندا، ئۇ يەردە سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بەزەنلىرى بەلكىم ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن زىيانلىق كۆز قاراشلىرى بار ئىنسانلار بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنى شۇ كارتون فىلىم كۆرگەزمىسىگە بېرىپ قاتناشقاندا ئاندىن بىلەلەيمىز ھەم ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق بولغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە قارىتا بىرەر ھەرىكەت قوللىنالايمىز.»
دېرېك نۇئىن يېقىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرى مەسىلىسى توغرىلىق ئالاقىلىشىۋاتقان گۇرۇپپىلارنىڭ سانىنى كېڭەيتكەن ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرى توغرىسىدا بىرەر ئىش قىلىشقا ئۈندىگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئالاقە ئورناتقان گۇرۇپپىلارنىڭ سانىنى كۆپەيسە، ئاۋاز چىقىرىدىغانلار كۆپ بولسا، بەلكىم بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مۇمكىن ئىكەن. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ كارتون فىلىم كۆرگەزمىسىگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنداق پائالىيەتلەرگە ياشلار بەكرەك قىزىققانلىقى ئۈچۈن ئادەم سانى كۆپ بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىلا قوزغاتقاننىڭ ئورنىغا، بۇنى ئومۇميۈزلۈك ياشلار پائالىيىتى قىلىپ كېڭەيتسەك، ئاخىرقى ھېسابتا جاۋابقا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. بىز قانچە كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقەلەشسەك ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالىساق، ئاخىرىدا ئاكتىپ جاۋابقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.»
دېرېك نۇئىن تەشكىلاتى ياش رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈۋاتقان بولۇپ ئۇلار يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىغا قارىتا بىر قىسىم ئەمەلىي پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ھەرقايسى شىركەتلەردە، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنى ئاشكارىلاپ، بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ كەلگەن.
دېرېك نۇئىن: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرى بارغانسېرى مودا ۋە ئاساسىي ئېقىنغا ئايلانماقتا
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھېچكىم ئۆز ئەتراپىدا چوڭ قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرىنىڭ بولۇشىنى خالىمايدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تۋىتتېردا قىرىق مىڭ ياكى يۈز مىڭدىن ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن. شۇڭا، چوقۇم ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئىنكارچىلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىش مۇھىم كېرەك ئىكەن.
ئۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە ياش رەھبەرلەرگە قارىشىمىز، ئىشلارنى ئاساسىي قاتلام نۇقتىسىدىن ئويلىشىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىز داڭلىق چولپانلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە، ئاساسىي قاتلام مۇھىتى ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ياشلارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ئانچە ئۈنۈملۈك ۋە يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق ئىنكارچىلىرى بارغانسېرى مودا ۋە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانماقتا. نۇرغۇن ياشلار بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا ياشلار مەسىلىسى ۋە سىفىرلىق ساۋات چىقىرىش مەسىلىسى بويىچە قارىشىمىز كېرەك.»