ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئەسىردە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملار خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە چوڭ دۆلەتلەردىن كىچىك دۆلەتلەرگىچە، سىياسىيونلاردىن تارتىپ ئاۋام خەلققىچە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغانلار بىلەن مەنپەئەتنى ياقلايدىغانلار ئىككى ياققا ئايرىلدى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا سوئال قويۇلدى، دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىغا نومۇر قويۇلدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغان بولسا، يەھۇدىيلار جامائىتى ئورنىدىن دەس تۇردى. چۈنكى ئۇلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغان، كوممۇنىست خىتاينىڭ ماھىيەتتە ئۆتمۈشتىكى ناتسىستلارغا ئوخشايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق تارىختىكى بالايىئاپەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈرۈپ كەلدى.
27-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئامېرىكادىكى يەھۇدىي جامائىتى ئەربابلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش توغرىلىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئۆتمۈشتىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن دۇنياغا جاكارلانغان بۇنداق جىنايەت ئەمدى «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دېگەن جىنايەتنىڭ بۈگۈن تەكرارلىنىۋاتقانلىقى، بۇنى توختىتىشتا يەھۇدىي جامائىتى ۋە باشقا ھەققانىيەتچى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىش توغرىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
بۇ سۆھبەتكە ئامېرىكانىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى رابى دەۋىد ساپىرستېس (David Saperstein)، لوس-ئانژېلىس يەھۇدىي دىنىي جەمئىيىتى ئەزاسى، يازغۇچى رابى كلايىن مايلىس خانىم (Klein Miles)، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي، ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار قاتناشتى.
دەۋىد ساپىرستېن ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىرستىيان جامائىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئېتىقادچى ئاممىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيەتتە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇپ، سىستېمىلىق ھالدا دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە دۈشمەن ھېسابلىغان خەلقنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا قەست قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئاندىن بۇ جىنايەتنى توسۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، كىمنىڭ قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. تۇنجى قەدەمدە، خىتايدا قۇل ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو روبىيو، تېد كرۇز قاتارلىق سېناتورلارنىڭ بۇ ئىشقا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، 2-قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان قانۇن-سىياسەتلەرنى ماقۇللىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاي سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خەتەرلىك ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تا ھازىرغىچە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ياردەم ئىزدەۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكادىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغىلىشىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، لاگېرغا سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇززات ئالتاي يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي بىر ئېقىم بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، لاگېردا ئازاب چېكىۋاتقان، ئۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا پىلانىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ بىگۇناھ جانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يەھۇدىي جامائىتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇ سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ خىتتايدا يولۇققان قورقۇنچلۇق قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئوقۇش داۋامىدا ئۇچرىغان تەڭسىز مۇئامىلىلىرىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇتۇپ سوراق قىلغانلىقىنى، خىتايدىن كۆڭلى سوۋۇپ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇغانلىقىنى، 2015-يىل 3-ئايدا خىتايغا قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن خىتايدا يولۇققان قورقۇنچلۇق لاگېر ھاياتىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇخبىرلارنىڭ دائىم ئۇنىڭدىن: «سىز لاگېردا ياتقاندا بالىڭىز ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «قاماقتا ياتقاندا كىم ماڭا سۇ بېرەر، كىم ماڭا نان بېرەر، بىر دەم بولسىمۇ ئۇخلىۋالسام دېگەننىلا ئويلايدىغان گەپ. نۇرغۇن ئاياللار بۇنداق مۇھىتتا ئادەم ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئۆلۈشكىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئۆلۈپ كەتسە ئازابتىن قۇتۇلغان بولىدۇ، بولمىسا داۋاملىق قىينىلىدۇ،» دېدى. ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى لاگېردا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قەبىھ زۇلۇم، قىيىن-قىستاق ۋە ئىنسانلار ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان پاجىئەنى قايتا ئەسلەتتى.
لوس-ئانژېلىس يەھۇدىي دىنىي جەمئىيىتى ئەزاسى، يازغۇچى رابى كلايىن مايلىس خانىم بۇ سۆھبەتتە ئاڭلىغان ئېچىنىشلىق ھېكايىلەردىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ھېكايىلەر ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ ھېكايىسى،» دېدى. ئۇ ناتسىستلار دەۋرىدە قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلار، كامبودژا، ئەرمېنىيە، رىۋاندا، دارفور قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان شاھىتلارنىڭ ئىسمى ۋە ھېكايىسىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش، تونۇتۇش ۋە ئەسلىتىشتە ئۇ شاھىدنىڭ ھېكايىسى، ئىسىم-شەرىپى، يەنى خاس بەلگىسىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز مىليونلىغان ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى دېيىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ، تونۇتۇپ بولالمايمىز. شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق مىڭلىغان ئادەمنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش كېرەك. مەن مېھرىگۈلنىڭ نامىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر شەخسنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتۇشقا چاقىرىمەن. بىر شەخسنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئادەمگە ياردەم قىلالايمىز،» دېدى.
سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى مەكس گىبلېر سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتتا خىزمەت قىلىۋاتقاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئائىت پاجىئەلىك ھېكايىلەرنى ھەر كۈنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ ئاندىن نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توسۇشتا ئالدى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇڭا ئامېرىكادىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق شتاتنىڭ سېناتورلىرىغا خەت يېزىپ، تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ ئىشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىياسىي كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ دىققىتى ھازىر يېقىندا فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن «پەيغەمبەرنى ھاقارەتلەش» ۋەقەسىگە مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىمۇ فرانسىيەنى ئەيىبلەپ فىرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامىيەتكە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلغان دەپسەندىچىلىكىگە زۇۋان سۈرمەي، فىرانسىيەدىكى ۋەقەنى كۆتۈرۈپ چۇقان سېلىشى ھەققانىيەت ئۆلچىمىنىڭ سىياسىي غەرەزگە قۇربان قىلىنىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنداق ۋەزىيەتتە يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلارغا يەنىلا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، بۇ دەۋاغا ئىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەت شۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەن.
0:00 / 0:00