پروفېسسور شان روبېرتس: ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جەمئىيەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى كۈنسايىن ئېشىپ مېڭىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي جىنايەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇزاكىرە قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ توسۇلۇپ قېلىشتەك بۇ ھادىسىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىم شان روبېرتسنى (Sean R. Roberts) زىيارەت قىلدۇق. جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىيوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خەلقئارا تەرەققىياتلار پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكادا دەسلەپكى تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان ئانتروپولوگ ۋە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە بىلىشتە ھەسسە قوشقان ئالىم بولۇپ تونۇلۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شەھرىزادنىڭ پروفېسسور شان روبېرتس بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس زىيارىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

شەھرىزاد: رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دۇنياغا تونۇلغىنىغا ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا 6 يىل بولدى. سىزنىڭچە خەلقئارا جەمئىيەت ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشى لازىم؟

شان روبېرتس: ئەپسۇس مەن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى دەپ بېرەلمەيمەن. مېنىڭچە بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلە. چۈنكى ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتتىن باشقا بۇ قىلمىش باشقا دۆلەتلەرگە ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ياكى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىلىدىغان كىشىلەرگە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشتا بەك خەتەرلىك بىر ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ.

شەھرىزاد: ئالدىنقى ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلدى. ئامېرىكا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىىنى كېيىنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟

شان روبېرتس: ئامېرىكا مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماسلىقى بىر ۋەھشىيلىك. بۇ، كىشىلەردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەسمىي ھوقۇقى بار-يوقلۇقى توغرىسىدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ ب د ت نىڭ قانۇنى ئورنىغا نىسبەتەن ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

شەھرىزاد: ھىندونېزىيە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق خىتاي تەرەپتە تۇردى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ب د ت غا ئەزا بۇ دۆلەتلەرنىڭ قارشى پىكىرنى ئۆزگەرتىش ۋە خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟

شان روبېرتس: بۇ ناھايىتى ياخشى سوئال بولدى. مېنىڭچە، بۇ ئۈچ ھۆكۈمەتكە ئىچكىرىلەپ كىرىش ئۈچۈن تىرىشىش مۇھىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان دۆلەتلەر. مەن يېقىندا ئۆزبېكىستاندا بولغانىدىم ۋە بۇ توغرىلىق كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار «ھەممىمىز نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېدى. ئېنىقكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. ئەمما مېنىڭچە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا مەلۇم دەرىجىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شۇڭا قازاقىستان، ھىندونېزىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئالاقە ئورنىتىش ناھايىتى مۇھىم.

شەھرىزاد: ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىشىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟

شان روبېرتس: ئۇلار نېمە قىلالايدۇ؟ مېنىڭچە ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىلگىنىڭىزدەك بۇ ناھايىتى قىيىن بىر ئىش. دېمەكچىمەنكى، كۆرۈۋاتقىنىڭزدەك ھەتتا ئامېرىكادەك بىر كۈچلۈك ھۆكۈمەتمۇ بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ بۇ ۋەزىيەت ئۆزگەرگىنى يوق. شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ھەرقانداق بىرىنى ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، ئۇلار ھەممىسى جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا داۋاملىق ئىشىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن دۇنيا جامائەت پىكىرىگە زور تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭا بۇنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

شەھرىزاد: سىزگە كۆپ رەھمەت.