3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە لىتۋا جۇمھۇرىيىتى 1 مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي بىلەن تېركىشىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
بالتىق دېڭىزى بويىدىكى 3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە لىتۋا جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، لىتۋا 1 مىليارد 400 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاي بىلەن داۋاملىق تېركىشىپ، ھەم خىتاينى ھەم ياۋروپانى ھەيران قالدۇرماقتا.
لىتۋا 2021-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا خىتاي تەرىپىدىن ياۋروپانى پارچىلاش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلغان 1+17 ئىتتىپاقىدىن تۇنجى بولۇپ چېكىنىپ چىققان ئىدى. بۇ دۆلەت يەنە خىتاينىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماي، بۇ يىل 19-ماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينىڭ قاتتىق جېنىغا تەگكەن. لىتۋا يەنە 9-ئايدا تۇنجى بولۇپ تەيۋەننىڭ لىتۋادا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن ھەمدە 11-ئايدا تەيۋەنگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بىر يۈرۈش كېلىشىملەر تۈزگەن. نەتىجىدە خىتاي بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆز ئەلچىلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان. ئالدىنقى ھەپتە خىتاي لىتۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئورنىنى «ۋاكالەتخانا» دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ھەمدە لىتۋانى «ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، لىتۋا پارلامېنتىدا خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 25-نويابىردىكى «لىتۋا تەنتەربىيە مىنىستېرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىتۋانىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە مىنىستېرى يۇرگىتا شۇرگىزنىنې 25-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئالدىنقى ھەپتە بولسا لىتۋا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىگىمانتىس پاۋىلىيونىس باشچىلىقىدا لىتۋا پارلامېنتىنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار باياناتىدا دۆلەت رەئىسى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دېپلوماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سىياسىي ئەربابلارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشماسلىقىنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ پىكرىچە بولغاندا، «بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاقلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك» كېرەككەن. ئۇلار باياناتىدا: «مۇھىم خەلقئارالىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى مۇستەبىت دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى، ئۇلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈلمىسىگە چاپان ياپماسلىقى، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.
ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلمىغان. ئاۋىسترالىيە دېپلوماتىك بايقۇتنى يولغا قويۇدىغانلىقىنى، بىراق تەنھەركەتچىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ يىل 7-ئايدا پارلامېنت ئازالىرىنىڭ بىلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى ئالغان، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە، بۇ مۇسابىقىگە دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشماسلىق» نى تەشەببۇس قىلغان. 180 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئوخشاش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن. بىراق يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن بېيجىڭدا باشلىنىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارىتا زادى قانچىلىك دۆلەتنىڭ «دېپلوماتىك بايقۇت» نى قوللايدىغانلىقى ھەم قوللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش يەنىلا قېيىن بولماقتىكەن.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دېپلوماتىك بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇيغۇر زىيالىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە يېڭىدىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىمۇ «دېپلوماتىك بايقۇت» نىڭ مۇنازىرىسى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىتىراپ قىلغان لىتۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەھتىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ مۇسابىقە خىتاي كۈتكەن دەرىجىدە بولمايدىكەن ۋە خىتاينى خەلقارادا يەنە بىر قېتىم رەسۋا قىلىشى مۈمكىن ئىكەن.